باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئېلىمىزدە قوبۇل قىلىنغان دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچى بىر مىليوندىن ئاشتى

2012.12.25 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، مەملىكەتلىك دوكتۇر ئاشتىلارنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شاۋچۇنىڭ تۈنۈگۈن ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە قوبۇل قىلىنغان دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچى بىر مىليوندىن ئاشقان.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر دوكتۇر ئاشتىلار تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش ھەم «جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر دوكتۇر ئاشتى مەدەنىيەت خەزىنىسى»نى تۇنجى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا ۋاڭ شاۋچۇ مۇنۇلارنى تونۇشتۇرۇدى: ئېلىمىزدە ھازىر دوكتۇر ئاشتى پەن-تەتقىقات كۆچمە پونكىتىدىن 2702 سى، دوكتۇر ئاشتى پەن-تەتقىقات خىزمەت پونكىتىدىن 2149ى قۇرۇلدى.

  ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئېلىمىزنىڭ دوكتۇر ئاشتى تۈزۈمى 1985-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەرەققىيات يولى ئېچىلىپ، ئېلىمىزنىڭ پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا يۇقىرى قاتلام ئىقتىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەيدىغان بىر مۇھىم تۈزۈمىگە ئايلاندى. ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى دوكتۇر ئاشتىلار خىزمىتى ئېلىمىز دوكتۇر ئاشتىلار ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، 1992-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلار دوكتۇر ئاشتىلار پەن-تەتقىقات كۆچمە پونكىتىنى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە قۇرۇلغان دوكتۇر ئاشتى پەن-تەتقىقات كۆچمە پونكىتى 500 دىن كۆپرەككە يەتتى، جەمئىي قوبۇل قىلىنغان دوكتۇر ئاشتى 20 مىڭغا يېقنلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە