باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2012-يىلى جۇڭگونىڭ لاتارىيە بېلىتى كىرىمى 150 مىليارد يۈەنگە يەتتى

2013.01.09 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012-يىلى جۇڭگونىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىشتىن قىلغان كىرىمىدە يەنە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بىر يىلدا 151 مىليارد 32 مىليون يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى سېتىلىپ، تۇنجى قېتىم 150 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 23 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئاشتى، دۆلەتكە توپلىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى 46 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تۇنجى قېتىم 40 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

  مەلۇماتقا قارىغاندا، 1987-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى 787 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سېتىلىپ، 253 مىليارد يۈەندىن ئاتۇق ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى توپلانغان. شۇڭا جۇڭگو لاتارىيە بېلىتى دۆلەتنىڭ جەمئىيەتتىن مەبلەغ توپلاش ئارقىلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى ۋە ئاممىۋىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە