باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تورى ئېچىلدى

2013.01.09 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنستىرلىقى 7-يانۋار مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تورىنى ئاچتى، بۇ جۇڭگونىڭ ئالى مائارىپىنىڭ توپلىشىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مەخسۇس ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى كەسىپلەشكەن، ئاممىۋى خاراكتېرلىك تور بېكىتى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ياڭ شۆيى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەملىكەت بويىچە ياش –ئۆسمۈرلەر قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تورى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ياش-ئۆسمۈرلەر قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تورى سەھنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇن، مائارىپ، پىسخىكا يېتەكچىلىكى قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىكى بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، سۈرەت، يېزىق، ۋىدىيو، كارتون، دەرسلىك، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن، مەھەللە ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق كۆپ خىل مىدىيالىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى توپلاپ، توردا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەملىكەت بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا قانۇنچىلىق تەلىم-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشنى قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە