باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ غەمگۈزارى يۈئەيلى

2013.01.08 16:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012–يىلى 12–دېكابىر سائەت 10 دا، كورلا شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ ساغلاملىق مەركىزىدە، 35 ياشلىق يۈ ئەيلى ۋە ئىككى دوختۇر ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەڭشەپ، ئالتە مېيىپ بالىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. يېرىم سائەتتىن كېيىن، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلىرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى تۆت بالىنى بۇ مەركەزگە ئېلىپ كەلدى، ئارقىدىن يەنە ئىككى بالا ئاتا–ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا كەلدى. ئۇلارنىڭ كېلىشى بىلەن ساغلاملىق مەركىزى ئالدىراشلىققا چۆمدى.

  يەتتە ياشلىق سۇڭ شياۋنەن ئۆزىنى يۈ ئەيلىنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى ۋە خۇشال كۈلۈپ ئولتۇردى.

  يۈ ئەيلى سۇڭ شياۋنەننى تەكشۈرگەچ ئۇنىڭغا بالىلار ناخشىسى ئۆگەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە داۋالاش ئارقىلىق سۇڭ شياۋنەننىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلەشتى، ھازىر ئۇ قولىنى سوزۇپ، نەرسىلەرنى تۇتالايدىغان بولدى.

  سۇڭ شياۋنەنگە ئوخشاش مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بۇ جايدا داۋالىنىۋاتقان توققۇز بالا بار، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىن كەلگەن.

  2012–يىلى 6–ئايدىن باشلاپ، مەھەللە دوختۇرى يۈ ئەيلى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە بۇ بالىلارنى 200 كۈن ھەر كۈنى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە 3 – 2 سائەت داۋالىدى. يۈ ئەيلى مۇنداق دېدى: بۇ بالىلارنىڭ كېسىلىنىڭ كۈندىن–كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ناھايىتى خۇشال بولىمەن.

  2005–يىلى، يۈ ئەيلى بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى ئىلمىي جەمئىيىتىگە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشكە بارغاندا، كاللىسىدا مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاشنى ئويلايدۇ. كورلا شەھىرىگە قايتقاندىن كېيىن، بالىلار ھەر قېتىم مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىغا داۋالىنىشقا كەلگەندە، ئۇ بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى دوختۇرلار بىلەن بۇ بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تېلېفوندا كۆرۈشتۈردى.

  37 ياشلىق گاۋ يەن سەھەردىلا ساغلاملىق مەركىزىگە كېلىپ، يۈ ئەيلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى ئولتۇرۇش–تۇرۇش مەشىقى قىلدۇردى.

  گاۋ يەن مۇنداق دېدى: ئوغلۇم ئۈچ ئايلىق بولغاندا مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالدى، ئۈچ يىلدىن بۇيان بىز بالىنى شىنجاڭنىڭ ئىچى–سىرتىدىكى كۆپلىگەن دوختۇرخانىلارغا ئاپاردۇق، بىراق ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. بۇلتۇر 9–ئايدا، يۈ ئەيلىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوغلۇمنى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلدۇردۇم. ئۈچ ئاي مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ھازىر ئوغلۇمنىڭ كېسىلى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا، ئىككى ياشلىق خۇاڭ يۈجيې دوستلىرى بىلەن خۇشال ئوينايدۇ، ئۇ ئەمدى يول ماڭغاندا يىقىلىشتىن قورقمايدىغان بولدى. يۈ ئەيلى ھەر كۈنى كېلىپ باشقا بالىلارنى مەشىق قىلدۇرۇشقا ئېلىپ ماڭغاندا، ئۇ دائىم توختىماي ئانا، مېنى كۆتۈرۈڭ، دەپ جېدەل قىلاتتى.

  يۈ ئەيلى مۇنداق دېدى: مەن خۇاڭ يۈجيېنى دەسلەپ كۆرگىنىمدە ئۇ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىپ، پەسكە چۈشۈرەلمەيتتى، دەلدەڭشىپ دۇرۇس ماڭالمايتى، ئۈچ ئايلىق داۋالاش ۋە مەشىق ئارقىلىق ھازىر ئۇ تەمتىرىمەي ماڭالايدىغان بولدى، مانا ئەمدى ئۇ نورمال بالىلارغا ئوخشاش بولدى. بۇ بالىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى مېنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولدۇردى، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىش يولىدا تىرىشىمەن.

  تەھرىر ئىلاۋىسى:

  يۈ ئەيلى سەمىمىي مۇھەببىتى، چىن ئىخلاسى بىلەن مېيىپ بالىلارنىڭ ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇردى، ئۇلارنى بۇ رەڭگارەڭ دۇنياغا خۇشال يۈزلەندۈرۈپ، چېھرىدىن بەخت تۇيغۇلىرىنى بايقىتتى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ مۇھەببىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  ھەر بىر ھاياتلىق بىر مۆجىزە، مەيلى ئۇ مېيىپ بولسۇن، ئۇنىڭ كىچىككىنە ۋۇجۇدىغا غايەت زور ئەقىل – پاراسەت ۋە يوشۇرۇن سېھرىي كۈچ مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. جەمئىيەتتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ، مېھىر–شەپقەت يەتكۈزۈپ، مېيىپ بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، ئۇلارغا ئىشەنچ، ساغلاملىق، خۇشال تۇرمۇش ئاتا قىلىپ، تېخىمۇ ئىناق ۋە ئىللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە