باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقالارنىڭ قانچىسى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟(1)

2013.01.09 08:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى تۈنۈگۈن ئاياغلاشتى. 1 مىليون 800 مىڭ كىشى ئىمتىھانغا قاتناشتى، بۇ «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق ئىمتىھان، تارىختىكى ئەڭ كۆپ ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى» دەپ قارالدى. ئاسپىرانتلارنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى كەسكىن بولىۋاتقان ئەھۋالدا، نەچچە يىل داۋاملاشقان ئاسپىرانت قىزغىنلىقى كۆپ تەرەپلەردىن ئويلىنىشمىزغا ئەرزىيدۇ.

  3-تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بولغان مايكوس ئورگىنى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، 3899 تەكشۈرۈلگۈچى ئىچىدە، %34 ئىمتىھان بەرگۈچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىقبالى ياخشى دەپ قارىغان بولۇپ، 1-ئورۇندا تۇرغان، تېخىمۇ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ قارىغۇچىلار 2-ئورۇندا بولۇپ، تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ %29نى ئىگىلىگەن، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىمەن دەپ قارىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %9 بولۇپ، 3-ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭدىن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە ئاسپىرانت مائارىپى بايلىقى نىسبەتەن مۇقىم بولغان ئەھۋالدا، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش كۆلىمى تېز ئاشقانلىقتىن ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك تەتقىقات تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقىشى ناھايىتى تەس. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولىشىچە، 2007-يىلىدىن 2012-يىلغىچە ئېلىمىزدە ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش كۆلىمى %30 كۆپەيگەن، ناھايىتى كۆپ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا بىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئون نەچچە ھەتتا نەچچە ئون ئاسپىرانتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئىكەن، ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۆپىيىپ قالغان. ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقىتتا زادى قانچىلىك ھەقىقىي بىلەن ئۆگەنگەنلىكى، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچىنى قانچىلىك ئاشۇرغانلىقى كىشىلەردە گۇمان پەيدا قىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە