باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوبوروت ھالقىلىرىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2013.01.09 08:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دۇڭفىڭ 8-يانۋار مەملىكەتلىك سودا-سانائەت سىستېمىسى ئوبوروت ھالقىلىرىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 2013-يىلى سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېمەكلىك بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسى سىستېمىسىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوبوروت ھالقىلىرىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. ۋاڭ دۇڭفىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېمەكلىك بازىرىنى تۈزەش تەرتىپكە سېلىش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساختا ناچار مەھسۇلاتلارنى سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

  ئوبوروت ھالقىلىرىدىكى تۈزەش تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك سودىسى بازىرى، شەھەر يېزىلار تۇتاشقان جاي، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە سورۇنلارنى تۈزەش، تەرتىپكە سېلىشنى يەنىمۇ مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، يېمەكلىك تىجارىتىدىكى ئورتاقلىققا ئىگە يوشۇرۇن خەۋپى بار مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، يېمەكلىك بازىرىنىڭ سىستېما ۋە رايون خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېمەكلىك بازىرى ئىستىمال بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە