- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىق تۇيغۇسى تۆۋەن
2013.01.09 08:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «جەمئىيەت پىسىخولوگىيەسى كۆك تاشلىق كىتابى: 2013-يىللىق جۇڭگو جەمئىيەت پىسىخولوگىيەسى تەتقىقات دوكلاتى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىق تۇيغۇسى تۆۋەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادىلسىزلىق پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن.
كۆك تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: 5 ئۆلكە، شەھەردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە سوئال-جاۋابلىق تەكشۈرتۈپ تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، دېھقان ئىشلەمچىلەر جەمئىيەتتىكى ئادىلسىزلىقنى ئومۇميۈزلۈك ھېس قىلغان، جەمئىيەتتە ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا پاسسىپ ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەرىكىتى قوللانغان. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئادىلسىزلىق تۇيغۇسى شەخسلەر ۋە جەمئىيەتتىكى كۆپ تەرەپلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە