- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئېلىمىز ئۇدا 10 يىل مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىلتىماسى سۇنۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەتكە ئايلاندى
2012.12.12 14:03
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى 11-دېكابىر ئېچىلدى. يىغىندا ئاشكارىلىنىشىچە، ئېلىمىز ئۇدا 10 يىل جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىلتىماسىنى سۇنۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىردىنبىر دۆلەتكە ئايلانغان، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىنىڭ سانى 43 گە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىز بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇن تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئورناتقان، 2012-يىلغىچە ئېلىمىزدە يولغا قويىلىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قېلىپلاشقان ھۆججىتى 500 دىن ئاشقان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتىكى قېلىپلاشقان ھۆججەت ئاساسلىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى»، «تارىخ، مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەر داڭلىق بازار داڭلىق كەنتلەرنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق قانۇن نىزاملار، تارماقلارنىڭ قانۇن بەلگىلىمىسى، «بېيجىڭ تارىخ مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك قانۇن قائىدە ۋە ھۆكۈمەت قائىدىلىرى ھەمدە «قوراللىق توقۇنۇش ئەھۋالىدا مەدەنىيەت مۈلكىنى قوغداش ئەھدىنامىسى»، «سۇ ئاستى مەدەنىيەت مىراسلىرى قوغداش ئەھدىنامىسى» قاتارلىق ئېلىمىز كىرگەن خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە ئىمزالىغان ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە