باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت پوچتا ئىدارىسى ئابونىتلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش ئەھۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2012.12.12 13:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، تاراتقۇلار تېز يوللانما نومۇرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئاشكارىلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ھەتتا مەخسۇس تېز يوللانما نومۇرلىرى ئۇچۇر سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قانچە تور بېكىتى پاش بولدى. بۇنىڭغا قارىتا دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن كەسىپتىن يوللانما ئەۋەتكەن كارخانىلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ يوللانما توشۇش كارخانىلىرىنى تەكشۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنتېرنېت تورى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق گۇمانلىق ھالقىلارنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە بىرلىشىپ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يوچۇقلارنى توسىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئابونىتلارنى تېز سۈرئەتلىك يوللانمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تاشقى ئورالمىسىدىكى شەخسى ئۇچۇرنى ئۆچۈرۋەتكەندىن كېيىن ئورالمىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، شەخسى ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشنى سەمىگە سالىدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە