مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتتى

يىغىندا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.07.20 17:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى يىغىن ئېچىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 6 - ئايدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، تەدبىرلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتتى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، زىچ ھەمكارلاشتى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، كەڭ كادىرلار ۋە ئامما ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ۋە كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، پائال نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەمدە ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، شۇنداقلا «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقايسى ئالاقىدار رايونلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتتە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش «7- ئاينىڭ ئاخىرى، 8- ئاينىڭ بېشى» باسقۇچىغا كىردى، چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلاردا يامغۇر يەنىلا بىرقەدەر كۆپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېقىنى، خەيخې دەرياسى، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى ئېقىن رايونلىرىدا بىرقەدەر ئېغىر كەلكۈن ئەھۋالى يۈزبېرىشى مۇمكىن، جەنۇب ۋە شىمالدىكى دەريالارنىڭ كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشىنى جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئالدىن تەييارلىق كۆرۈشنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا تۇتۇش ۋە ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار رايونلار دەسلەپكى لايىھە تەييارلىقى، قوشۇن تەييارلىقى، ماددىي ئەشيا تەييارلىقى ۋە كەلكۈن سۇ قاچىلاش رايونىدىن پايدىلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، تەييارلىق كۆرۈپ بولۇپ ئىشلەتمىسەك بولىدۇ، لېكىن ئىشلىتىدىغاندا تەييارلىق بولمىسا بولمايدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىللىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، 5- ئاينىڭ 19- كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلغاندا، ئالاقىدار تەرەپلەردىن بۇ يىللىق كەلكۈن مەزگىلىدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنىدىكى كەلكۈن ئەھۋالىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ماددىي ئەشيا زاپىسىنى كۈچەيتىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە مانېۋىرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەردىن مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ