مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارنى كېسەل كۆرسىتىشكە ئېلىپ بارغاندا، ئالدىن كېلىشىۋېلىش ۋە يېقىن ئەتراپتا داۋالىتىش پىرىنسىپىگە ئەمەل قىلىش كېرەك

2020.07.17 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش مەزگىلىدە، بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چۈەن بالىلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلىشىغا ئالاقىدار تەييارلىق ۋە مۇداپىئە كۆرۈش ئىشلىرى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى: ئەگەر جىددىي كېسەل بولمىسا، بالىلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، كېسەل كۆرسىتىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ يېڭى ئىشلارنى ئالدىن چۈشىنىپ، ئالدىن كېلىشىۋېلىپ، يېقىن ئەتراپتا داۋالىتىش پرىنسىپى بويىچە كېسەل كۆرسىتىش لازىم. بولۇپمۇ ئادەم ئېقىم مىقدارى زىچ بولغان دوختۇرخانىغا بېرىشتىن ساقلىنىش، ھەمدە ھەمراھ بولغىچىلارنى ئازايتىش لازىم.

  ۋاڭ چۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر تارقىلىشچان كېسەللىكلەرگە ئالاقىدار تارىخى بار ۋە قىزىتمىسى ئۆرلىگەن بالىلار بولسا، شۇ جايدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ياكى بەزى مەخسۇس رايونلارغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشى كېرەك. كېسەل كۆرسەتكەندە ئاتا-ئانىلار چوقۇم تېببىي خادىملارغا بالىنىڭ كېسەللىك تارىخى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.

  ۋاڭ چۈەن شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كېسەل كۆرسىتىش جەريانىدا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ شەخسىي مۇھاپىزىتىنى ياخشى قىلىشى، بالىلارغا يۈز شەكلىگە ماس كېلىدىغان ھەمدە بىر قەدەر راھەت بولغان بىر قېتىملىق تېببىي ماسكا ياكى بىر قېتىملىق تېببىي تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى تاقاپ قويىشى كېرەك، ھەمدە كېسەل كۆرسىتىش جەريانىدا بالىلارغا ماسكىنى قالايمىقان تۇتماسلىقنى تاپىلىشى، ياكى بالىلىرىغا ياخشى قارىشى لازىم، پاسكىنا قول بىلەن بالىنىڭ كۆز-بۇرنى قاتارلىق قىسىملىرىغا تەگمەسلىك، باشقىلار بىلەن بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاش كېرەك. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە بويسۇنۇشى كېرەك. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن قولىنى ۋاقتىدا ئەستايىدىل يۇيۇپ، كىيىمنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

  ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئېلىپ سىرتقا چىققاندا بۇ مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك

  1. نۆۋەتتە بالىلارنى ئېلىپ سىرتقا چىققاندا شەخسىي قوغدىنىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. بىز شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا، ئۇ بالىلارنى ئىمكانقەدەر ئادەم ئاز، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ۋە كەڭ بوشلۇققا ئېلىپ بېرىپ پائالىيەت قىلىشى كېرەك. ئۆي ئىچىدىكى سارايلارغا بارغاندا، ئالدى بىلەن مەيدان-ساراينىڭ مۇداپىئە تەلىپىگە ئەمەل قىلىپ، بىر يەرگە دۆۋىلىنىڭ تۇرىۋالماسلىق، قىستاشماسلىق، «بىر مېتىرلىق ئارىلىق سىزىقى» قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

  ھەرىكەت قىلغاندا، بالىلارغا كۆزى، ئېغىز بوشلۇقى ۋە بۇرنىنى پاسكىنا قولى بىلەن تۇتماسلىقنى، ئويۇنچۇق ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىگە ئېغىز بىلەن تەگمەسلىكنى ئەسكەرتىش كېرەك. ئاتا- ئانىلار سىرتقا چىققاندا، بالىلارغا تەركىبىدە ئىسپىرت بولغان يۇيۇش ھاجەزسىز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئېلىۋېلىپ، ئۆزى ۋە بالىلارنىڭ ۋاقىتلىق قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار ھەرىكەت قىلغاندا بالىلارغا N95 تۈرىدىكى ھەددىدىن زىيادە يېپىق ماسكا تاقاپ قويماسلىق، بالىلاردا نەپەس قىيىنلىشىش ۋە بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر ئادەم كۆپ ۋە يېپىق ھالەتتىكى سورۇنغا بارىدىغان بولسا، بىر قېتىملىق تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى ياكى بىر قېتىملىق تېببىي ماسكا تاقىسا بولىدۇ.

  2. بالىڭىزغا ياخشى قاراڭ، بالىلارنىڭ پائالىيەت جەريانىدىكى بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا مۇنتىزىم ۋە بىخەتەر بولغان كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ۋە تەنھەرىكەت مەيدان-سارايلىرىنى تاللاپ بېرىشى كېرەك. پائالىيەت قىلىشتىن بۇرۇن، چوقۇم باھالاپ بېقىش كېرەك، بۇ يەر بالىڭىزنىڭ يېشى، بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىغا ماس كېلەمدۇ-يوق، پائالىيەتتە نېمە ئىش قىلىدۇ، بۇلارنى چۈشىنىش كېرەك. بالىنى ئېلىپ پائالىيەت قىلغاندا، ئويۇن ئويناش ئۈچۈن خىزمەتچى خادىملاردىن بۇ ئۇچۇرلارنى يوشۇرماسلىق، بالىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆڭۈل ئېچىش جەريانىدا، چوقۇم ئۈنۈملۈك قاراش ۋە ھەمراھ بولۇشنى ياخشى قىلىشىڭىز كېرەك، ھەرگىزمۇ ئۆز ئالدىغا ئويناش ياكى باشقا ئىشلارنى قىلىش سەۋەبىدىن بالىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئامال بار بالىڭىزغا قاراپ تۇرۇڭ، ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇڭ. بالىلارغا پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلارنى زىيادە قاتتىق ياكى قورقۇنچلۇق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىماسلىق كېرەك.

  ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن، ئەگەر بالىنىڭ يېشى يار بەرسە، پائالىيەت ۋاقتىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇ، مەيدان-ساراي خىزمەتچىلىرىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە بويسۇنۇپ، قائىدىگە رىئايە قىلىپ، پائالىيەت رايونىدىن ئاسانلىقچە ئايرىلماسلىق كېرەك. ئەگەر سىرتتا پائالىيەت قىلسا، بالىلار بىلەن بىر يىغىلىش ئورنىنى ئالدىن كېلىشىپ قويۇپ، ئەگەر يوقاپ كەتسە، قەيەرگە بېرىپ ئېزدەشنى بىلگىلى بولۇشى كېرەك. يەنە بالىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەككى، ئەگەر ئۇلار يوقاپ كەتسە ياكى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرسە، قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق بىخەتەر ئادەم ۋە بىخەتەر سورۇنغا بېرىپ يادەم سوراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ