مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەمىز ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچىدۇر

2020.07.17 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تاغلار ھەيۋەتلىك بولسىمۇ، چوقۇم ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ. يېقىندا، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىدۇر» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى، ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «بۈگۈنكى جۇڭگودا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن چوڭ سىياسىي كۈچ ياكى باشقا كۈچ يوق. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق، ئىلىم-پەندە، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال، مەركەزدە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچتۇر». جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەتنىڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر.

  جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدۇر. جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك دېگەن نېمە؟ مانا بۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى بار، ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا «يۇلتۇزلار ئاينى چۆرىدەيدۇ»، بۇ «ئاي» دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدۇر. جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئالدى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش كېرەك. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتە، بىز يەنە قانچىلىك داۋانغا يامىشىش، قانچىلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈش، قانچىلىك بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈش، قانچىلىك جاپا-مۇشەققەت ۋە توسالغۇلارنى يېڭىش كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. بىز پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەمىزنى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدۈرۈشىمىز، بارغانسېرى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىز، بارغانسېرى جەڭگىۋارلىققا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى __ دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ رەھبەرلىك تۈزۈمىدۇر. پارتىيە − ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچىدۇر، پارتىيە رەھبەرلىكى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ تۈزۈم ئۈستۈنلۈكىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پۇختا، مۇكەممەل ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى، تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغىنى تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدۇر، بۇنىڭ ئىچىدە قوماندانلىق ئورنىغا ئىگە بولغىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمىدۇر»، دەپ تەكىتلىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئاساسىي قانۇن − پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى تۈپ قانۇن ئاساسى. ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، پارتىيەنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى قۇرۇلمىسىدىكى ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك يادرولۇق ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىدۇ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى يولغا قويىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىشى شەرت، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر پىرىنسىپىدۇر.

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسەتكەندەك: «ئەگەر جۇڭگودا ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىدىغان، قۇمدەك چېچىلىپ كېتىدىغان ۋەزىيەت كۆرۈلسە، بىز بېكىتكەن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى چوقۇم ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ». ئىش ھەممە يەردە بار، ئىشنىڭ مۇھىمى مەركەزدە. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، جەنۇبتىكى كەلكۈن ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇردى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق، پەن ساھەسى بىردەك سەپەرۋەر قىلىنىپ، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال، مەركەز ئومۇمىي سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولغان دېڭىزنى تىنچلاندۇرغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، پارتىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىسپاتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ