شى جىنپىڭ 6- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
2019.10.21 14:46 مەنبە: خەلق تورى
6- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 20- ئۆكتەبىر جېجياڭنىڭ ۋۇجېندا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل ئالاقە تورى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى. نۆۋەتتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئەشيالار تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، ئالاقە تورى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كۈتۈۋالدى. ئالاقە تورىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ياخشى باشقۇرۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش، ئالاقە تورىنى ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بەخت ئاتا قىلىشقا يۈزلەندۈرۈش بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر. ھەرقايسى دۆلەتلەر دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، تەرەققىيات مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، تور بوشلۇقىنى يەر شارى بويىچە تۈزەشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ