باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن لى كېچياڭ كەرىموفنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2016.09.04 10:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-سېنتەبىر ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموفنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشى كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى يولداشوفقا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن كەرىموفنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئۆزبېكىستان خەلقى ۋە زۇڭتۇڭ كەرىموفنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ كەرىموف-ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى بولۇپ، ئۆزبېكىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىش، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تارىخىي تۆھپە قوشقان. زۇڭتۇڭ كەرىموف جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ھەمكارلىق ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىشتا ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. زۇڭتۇڭ كەرىموفنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولۇشى-ئۆزبېكىستان خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگو خەلقىمۇ بىر ھەقىقىي دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ 3-سېنتەبىر زۇڭتۇڭ كەرىموفنىڭ كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى مىرزىيوفقا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر