دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-سېنتەبىر خاڭجۇدا ئىتالىيە زۇڭلىسى لېنزى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بېرى جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئالغا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا »پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، بىز قەدىمىي مەدەنىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋىي دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئاشۇرۇش،ئىسلاھات، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغدايمىز.
لېنزى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قەدىمىي، مەدەنىي دوستلۇقىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئىتالىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلاشقانلىقىدىن خۇشال.جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد، سودا، پۇل مۇئامىلە، پورت قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت، داۋالىنىش، قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى خالايدۇ.