دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-سېنتەبىر خاڭجۇدا ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ، چادنىڭ زۇڭتۇڭى دەبىي بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ دەبىينىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئافرىقا قۇرۇقلۇقىنىڭ يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىشقا قاتنىشىش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ــ جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك،قەتئىي ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، جۇڭگو ئافرىقىغا ھەقىقىي، سەمىمىي سىياسەت فاڭجېنى يۈرگۈزۈپ ۋە توغرا مەنپەئەت قارىشىدا بولۇپ، جۇڭگو ئافرىقا ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئافرىقا تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدۇ. جۇڭگو ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىرگەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىشىنى قوللايدۇ.
دەبىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ چادنى ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ۋاكالەت 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت، جۇڭگونىڭ باشتىن ئاخىرى ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ، ئافرىقا بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق غەلىبە قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەنلىكى شۇنداقلا 20 دۆلەت گۇرۇھىنى ئافرىقا تەرەققىياتىغا ئېتىبار بېرىشكە يېتەكلىگەنلىكىدىن مىننەتدارمىز، چاد جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋىي دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن تىرىلمە ئېنېرگىيە، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.