باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ چىباۋ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەزەرىيە ئالاھىدىلىكى ۋە پەزىلىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك

2016.07.29 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇنبىرىنىڭ «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى توغرىسىدىكى بىر قاتار نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى» تېمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇھاكىمە يىغىنى 28-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئۇنىڭدىكى ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى ئۆزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق، دىيالېكتىكىلىق، خەلقچىللىق، ئەمەلىيەتچانلىق، يېتەكچى خاراكتېرلىك نەزەرىيە ئالاھىدىلىكى ۋە نەزەرىيە پەزىلىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، يېڭى ئىدىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى مۆجىزىلىرىنى يارىتىش كېرەك.

  ليۇ چىباۋ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدۇ، ئىنتايىن مۇھىم سىياسىي، نەزەرىيەۋى، ئەمەلىي ۋە دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئومۇمىي تەپەككۇر تۇرغۇزۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى دىيالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ روھىنى ئىگىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئەمەلىيەت بىرىنچى پىرىنسىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ دىرىژورلۇق تايىقى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپىلەرنى ئېچىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر