باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئەتراپ مۇھىتى يارىتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك (2)

2013.10.28 16:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە ئەتراپ دىپلوماتىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئومۇمىيەتنى تىزگىنلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئەتراپنىڭ تىنچ، مۇقىم بولغان ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۈچەپ قوغدىشىمىز كېرەك. تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، پارتىيەمىزنىڭ دەۋر تەرەققىيات ئېقىمى ۋە ئېلىمىزنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتۇر، ئەتراپنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداش ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم نىشانىدۇر.

  ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ۋەزىيىتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىقتىساد، سودا، پەن – تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق بايلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىش كېرەك. ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.

  رايون خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېلىمىز ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن قوشنا، شۇڭا خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ھەممەيلەننىڭ ئورتاق ئېھتىياجى. ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىك، ئورتاق خەۋپسىزلىك، ھەمكارلىق خەۋپسىزلىكى ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ۋە ئىككىلەمچى رايون خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئالاقىدار ھەمكارلىق تۈزۈلمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە بولغان تەشۋىقات خىزمىتى، جامائەت دىپلوماتىيەسى، ئەلئارا دىپلوماتىيە، ئىجتىمائىي ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. مۇناسىۋەتنىڭ يېقىن بولۇش – بولماسلىقىدا ئەلرايى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىك، پەن – تېخنىكا، مائارىپ، شۇنىڭدەك جايلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق قاتارلىق دوستانە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ دوست تۇتۇش، كەڭ رىشتە باغلاش كېرەك. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەتراپتىكى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسى، رايون تەرەققىيات ئىستىقبالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەقدىرداشلىق ئېڭىنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىياسەت ۋە تاكتىكا پارتىيەنىڭ جان تومۇرى، شۇنداقلا دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى. دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، كۆڭلىمىزگە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى پۈكۈش كېرەك. ئىچكى ئومۇمىيەت ‹‹200 يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جۇڭگو ئارزۇسى؛ خەلقئارا ئومۇمىيەت ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى تاشقى شارائىت ھازىرلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ۋەزىپە مۈشكۈل، جاپالىق، دىپلوماتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مەقسەتنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىلىنى تاۋلاپ، تۆھپە قوشۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەتراپ دىپلوماتىيەسى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئومۇمىيلىققا نەزەر سېلىنغان بولۇپ، ئىدىيەسى ۋە مەزمۇنى مول، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئەتراپ دىپلوماتىيەسى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن تەكىتلەنگەن، بۇ يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىپلوماتىيە خىزمىتى، بولۇپمۇ ئەتراپ دىپلوماتىيەسى خىزمىتىدە مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يولداشلارنىڭ ‹‹سۆز››نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركەز شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى خىزمەت تارماقلىرى، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، تايانچ كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، خەلقئارا ۋە رايون، تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق قىسمەن ۋەكىللەر ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن مەھكىمىسىدە تۇرۇشلۇق خاس ۋەكىللىرى، قىسمەن مەخسۇس ئىشلار باش ئەلچىلىرى، ئەلچىلەر ۋە ۋەكىللەر يىغىنغا قاتناشتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر