خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دېھقانلار كۈتۈپخانىسى ئېچىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۈتۈپخانىنى دېھقانلار ئائىلىلىرىدە ئېچىشتىن ئاممىۋىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرى، ساتىراچخانا، ئاشخانا قاتارلىق ئامما كۆپرەك توپلىشىدىغان ئورۇنلاردا ئېچىشقا ئۆزگەرتىپ، «دېھقانلار قولايلىق كۈتۈپخانىسى» نىڭ ئاممىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، ھازىر بۇ ئورۇنلاردا ئېچىلغان دېھقانلار قولايلىق كۈتۈپخانىسى 31گە يېتىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. (كۇچا ناھىيەلىك پارتىكۇم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن: نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى)
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى