باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز شىنجاڭدىكى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار ئۈچۈن 9 مىليون 500 مىڭ يۈەن ياردەم پۇل ئاجراتتى

2013.10.28 16:15         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئۆكتەبىر، شىنجاڭ ئورمانچىلىق نازارىتى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ۋە سۇلۇ يەرلەرنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئورمانچىلىق سىستېمىسى مەركەز مالىيەسىنىڭ ئورمانچىلىق سىستېمىسىىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار ئۈچۈن ئاجراتقان 9 مىليون 500 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ياردەم پۇل شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، قوغدىلىدىغان رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان، ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە قۇتقۇزۇش، پەن تەتقىقاتى، باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە كەسپىي خادىملارنى تەربىيەلەش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ غەربىي تەڭرىتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا 1 مىليون، شىنجاڭ ئېبنۇر كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن، شىنجاڭ گەنجياخۇ سۆكسۆك ئورمانلىقى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا ئىككى مىليون، شىنجاڭ بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن، شىنجاڭ قاناس دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا بىر مىليون، شىنجاڭ تارىم توغراقلىقى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن تارقىتىپ بېرىلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭدا بەرپا قىلىنغان تۈرلۈك ئېكولوگىيە تىپىدىكى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن 52 سى بار بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 230 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن ۋە شىنجاڭ زېمىنىنىڭ %13.91ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئورمانچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلغان ۋە باشقۇرىدىغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن 42سى بار بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 110 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن ۋە شىنجاڭ زېمىنىنىڭ %7.01ىنى ئىگىلەيدىكەن. تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان بۇ رايونلار شىنجاڭدىكى %90تىن ئارتۇق قىممەتلىك ھەم ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقىنى شۇنداقلا تىپىك ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلارنى ياخشى قوغداپ كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر