باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ: ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك(2)

2013.06.30 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زوراۋانلىق تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، كۈچلۈك تەھدىت كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق ئورۇنلار، نۇقتىلىق زىيانغا ئۇچرايدىغان ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئۇلارغا تايىنىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۆزى ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: زوراۋانلىق تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلەرگە قەتئىي تەۋرەنمەستىن قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، ئۇرۇش، چېقىش، كۆيدۈرۈش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنى بايقالغان ھامان قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. زوراۋان تېررورچى تەشكىلاتلار ۋە ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قوغلاپ تۇتۇش كۈچىنى زورايتىش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جامائەت پىكىرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى پاش قىلىپ، جامائەت پىكىرىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دىنىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بەخت ، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت دېگەن ئىددىيىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق ناھەقنى ئايرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان پولاتتەك ئىستىھكام قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇقىملىقنى قوغداشتىكى 1-مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مېڭ جيەنجۇ يىغىندا شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىلدە شىنجاڭدا زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كەينى-كەينىدىن يۈز بەردى، بۇ تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە قارشى ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارە قىلدى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتۇق دۈشمىنى. بايراق روشەن بولۇش، ئالدى بىلەن مۇداپىئە كۆرۈش، تەشەببۇسكارلىقنى چىڭ تۇتۇش، زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە