باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى(1)

2012.11.09 10:13        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى 8-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، قۇرۇلتايدا «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي ئالغا بېسىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

  خۇ جىنتاۋ، جياڭ زېمىن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يوڭكاڭ قاتارلىق قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئالدى. قۇرۇلتايغا ۋۇ باڭگو رىياسەتچىلىك قىلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا قۇرۇلتاي باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكى ۋەكىللەر ئورنىدىن تۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت شېئىرى»نى ئوقۇدى. ئارقىدىن، بارلىق يولداشلار ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇدې، دېڭ شياۋپىڭ، چېن يۈن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

  ۋۇ باڭگو مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 18-قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2268، ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىل 57، جەمئىي 2325، بۈگۈن قۇرۇلتايغا 2309 ۋەكىل قاتناشتى. ئۇ قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى دوستلار ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتى مۇنداق 12 قىسىمغا بۆلۈندى: 1-ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە ئون يىللىق ئاساسىي خۇلاسە؛ 2-جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا يېڭى غەلىبىلەر قولغا كەلدى؛ 3-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانى؛ 4-سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش؛ 5-جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ 6-سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇلۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ 7-خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە باشقۇرۇشنى يېڭىلاش داۋامىدا ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش؛ 8-ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ 9-دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش؛ 10-بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم ئەمەلىيىتىنى بېيىتىش ھەم ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ 11-ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش؛ 12-پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە