باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋۇ باڭگو ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

2012.11.09 10:01        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش ۋۇ باڭگو 8-نويابىر چۈشتىن كېيىن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىللە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ۋۇ باڭگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم دوكلاتىغا ماركسىزملىق مەيدان، كۆز قاراش، ئۇسۇل سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سىياسىي پىروگراممىسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى. بىز دوكلاتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى: مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت ۋە جاپالىق، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش خۇ جىنتاۋ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەگە باشلامچىلىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يېقىندىن تايىنىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خېيىمخەتەرنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى تارىخىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئەمەلىيەت 16-قۇرۇلتايدىن بۇيان مەركەز چىقارغان تۈرلۈك زور ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  ۋۇ باڭگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىزنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزدە ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقانلىقىمىزدىن بولدى، پۈتۈن پارتىيەدە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز موللاشتى، ئۇ كۈنسېرى خەلق قەلبىگە سىڭدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ــ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسىدىكى ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەت ، ئۇ ماركسىزم لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن بىرگە پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەت ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك يېتەكچى ئىدىيەگە ئايلاندى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنىڭ بېكىتىلىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بەرپا قىلشتىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالغا ئايلىنىدۇ.

  ۋۇ باڭگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر تونىشىمىز ۋە ئىگەللىشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، پارتىيەنىڭ ئاساسى نەزەرىيەسىدە، ئاساسىي لۇشەنىدە، ئاساسىي پىروگراممىسىدا ، ئاساسىي تەجرىبىسىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىمىز، مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز لازىم.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە