باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جيا چىڭلىن بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

2012.11.09 09:57  

جيا چىڭلىن بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

  يولداش جيا چىڭلىن 8-نويابىر چۈشتىن كېيىن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئەقىل-پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  جيا چىڭلىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلىگەن بولۇپ، كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە، ئۇ يېڭى تارىخىي شارائىتتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سىياسىي پىروگراممىسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى. بىز بۇنى ئەستايىدىل، ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. جيا چىڭلىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دېموكراتىك كېڭىشىش-جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك ئۇسۇل جەھەتتىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش-سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  جيا چىڭلىن مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك كېڭىشىشنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە، ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقان تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز دۆلەتنىڭ مۇھىم فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە مۇھىم ئىشلىرى ھەققىدە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئەربابلار بىلەن كەڭ دائىرىدە كېڭىشىپ، بىر خىل تۈزۈمنى شەكىللەندۈردى. نۆۋەتتە، دېموكراتىك كېڭىشىش-دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغىچە كەڭ دائىرىدە سىڭدى ھەم ئۆزلۈكسىز بېيىپ راۋاجلاندى. جيا چىڭلىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم يولنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك كېڭىشىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك كېڭىشىشنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق، تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان قىلىپ، كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دېموكراتىك كېڭىشىشتىن ئىبارەت بۇ دېموكراتىك ئۇسۇلنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز