باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇ يۇڭكاڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2012.11.09 09:51  

جۇ يۇڭكاڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن يولداش جۇ يۇڭكاڭ ئۆزى تۈرۈشلۇق شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە يولداش خۇجنتاۋنىڭ قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى. جۇ يۇڭكاڭ جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەن يولداش خۇجىنتاۋنىڭ قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىنى ناھايىتى قۇۋەتلەيمەن. 16-قۇرۇلتايدىن بۇيان، خۇجىنتاۋ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىڭ شاۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە ھەر مىللەت خەلقىنى تۈرلۈك خېيىم-خەتەر خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەپ، غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى ياراتتى.

  جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قەتئىي بوشاشماستىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە بىز مېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىمىزنى ئالاھىدە چېڭىتىشىمىز كېرەك.

  جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا بىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئالغا ئىلگىرلەش يولىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىشكە، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشقا، ئىقتىساد جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلدۇق.

  جۇ يۇڭكاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، 18-قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن نىشان ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. پارتىيەنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، پاك ئىش قىلىپ بېرىشىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيە ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىنى قوللايمىز. پارتىيە ئەزالىرى باشتىن-ئاخىر خەلقنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق مەنپەئەتىنى ھەقىقى كۆزلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خەلقنىڭ بەختىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى ھىمايە قىلغاندىلا، پارتىيەمىز ئاندىن تېخىمۇ ئۇيۇشۇش كۈچى، چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى بارغانسېرى كەڭرى بولىدۇ.

  جۇ يۇڭكاڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەننىڭ 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىل ئەمىنلىكى خىزمىتى ھەقىقى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدا تېخىمۇ جۇش ئۇرغۇزۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز