باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گۋاتېمالادا 7.4 بال يەر تەۋرەپ 39 ئادەم قازا قىلدى

2012.11.09 10:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 8–نويابىر تېلېگراممىسى : چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بېيجىڭ ۋاقتى 8 -نويابىر سائەت 0:35 دە ، گۋاتېمالا دېڭىز بويىدا 7.4 بال يەر تەۋرىگەن ، كەينىدىن يەنە ئىككى قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن . نۆۋەتتە، يەر تەۋرەشتە 39 ئادەم قازا قىلىپ ، 155 ئادەم يارىلانغان ، يۈز يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن .

  گۋاتېمالا زۇڭتۇڭى Perez قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن . بۇ قېتىم يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەڭ ئېغىر بولغان جاي سان ماركوس ئۆلكىسى بولۇپ ، بۇ ئۆلكىدە 10 ئادەم قازا قىلغانلىقى ، 155 ئادەم يارىلانغانلىقى ، ئۇنىڭدىن باشقا يۈزگە يېقىن ئادەم يوقاپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان . بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە نەچچە يۈز يۈرۈش ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن .

  بۇنىڭدىن باشقا ، گۋاتېمالادا مەملىكەت بويىچە 73 مىڭ ئائىلىنىڭ توكى توختاپ كەتكەن ، يوللار ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر بۇزۇلۇپ كەتكەن . يەرلىك دائىرىلەر 11 يىغىۋېلىش ئورنىنى ئېچىۋەتكەن .

  سان ماركوس ئۆلكىسىدە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ، مەملىكەت بويىچە قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلغان، قالدۇق يەر تەۋرەپ تېخىمۇ كۆپ زىيان كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، خەلق مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ، بولۇپمۇ ئېگىز بىنادىكى ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا كۆرسەتمە بېرىلگەن.

  بۇ گۋاتېمالادا 30 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن . 1976–يىلى 2- ئاينىڭ 4–كۈنى سەھەردە ، گۋاتېمالانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رايوندا 7.5 بال يەر تەۋرەپ ، جەمئىي 23 مىڭ ئادەم قازا قىلغان، 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئامما ئۆي-ماكانسىز قالغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە