- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلگرامما يوللاپ 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى
2012.11.09 09:49
جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 8-نويابىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى پارتىيەنىڭ ھازىرقى ئاساستا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىگە بولغان ئىشنىشنى ئاشۇرۇپ، يەندې خۇاڭدى ئەۋلادلىرىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈستىدە تەڭ ئىزلىنىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ شانلىق ئىستىقبالىنى بىرلىكتە يارىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
شۈ كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا قايتۇرۇپ تېلېگرامما يوللاپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى پارتىيە بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە تارىخى بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. ئىككى پارتىيەنىڭ «2-سېنتەبىر ئورتاق تونۇشى»، «تەيۋەن مۇستەقىللىقىگە قارشى تۇرۇش» ئورتاق سىياسىتى ئاساسىدا، بىر-بىرگە بولغان ئىشنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە