باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خې گوچياڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

2012.11.09 10:09  

خې گوچياڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

  يولداش خې گوچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكىلىككە قارشى تۇرۇشى كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  خې گوچياڭ ۋەكىل سۈن چۈنلەن، سۇ شۇلىن، لياۋ چىپىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىدا پارتىيەمىزنىڭ قانداق بايراقنى كۆتۈرىدىغانلىقى، قانداق يولدا ماڭىدىغانلىقى، قانداق روھىي كەيپىياتتا قايسى نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغانلىقى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلدى، ئۇ يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي پىروگرامما.

  خې گوچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ-جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسى تېمىنى پۇختا ئىگىلەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدىن ئىبارەت بۇ رېئال يولدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدىن ئىبارەت ھەرىكەت قىبلىنامىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ كەپالەتتە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە.

  خې گوچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىسىزىم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكنى جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىشىشنى قاتتىق جازالاش ۋەزىيىتىنى باشتىن ئاخىرى ساقلاپ، ئامما ئەتراپىدىكى چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  خې گوچياڭ مۇنداق دېدى: كادىرلار ئىشلىرىدىكى ئورۇن ئالمىشىش ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە. پارتىيە ئىشلىرىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ ۋارسلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ۋۇجۇدقا چىققان يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ رەھبەرلىكىدە غەلبە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ ، جاسارەت بىلەن ئىلغارلاردىن بولۇپ، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز