باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى چاڭچۈن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

2012.11.09 09:58  

لى چاڭچۈن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

  يولداش لى چاڭچۈن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر سىستېمىلىق شەرھىلەندى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانى بېكىتىلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈلدى. بۇ دوكلات ماركىسىسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  لى چاڭچۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولى، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتلىك كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىش يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بىز دوكلاتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ ئەخلاقى ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، مەدەنىيەتنىڭ ئومۇمىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى زورايتىشتىن ئىبارەت تۆت ئاساسى ۋەزىپىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتلىك كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  لى چاڭچۈن سىچۈەندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىلمىي تەرەققىيات، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز