- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاھالە كىرىمىنى ھەسسىلەش نىشانى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2012.11.09 13:40 مەنبە: خەلق تورى
خۇ جىنتاۋ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلىگەندە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەھەر-يېزىلارنىڭ رايونلۇق تەرەققىياتىدىكى پەرق ۋە ئاھالىلەرنىڭ كىرىم تەقسىماتى پەرقىنىڭ يەنىلا نىسبەتەن چوڭ بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە ئۇنى ئەستايىدىل ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانىنى شەرھلىگەندە، ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. تاراتقۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاھالە كىرىمىنى ھەسسىلەش نىشانىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبەسى: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە