باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>18-قۇرۇلتاي

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى لېكسىيە ئۆمىكى قىسىملار، ئوفىتسىر-ئەسكەرلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2012.12.10 16:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ماتېرىيال سۈرەت
  باش قىش يېتىپ كەلگەن مەزگىلىدە ئارمىيە بويىچە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش لېكسىيە ئۆمىكى قىسىملار، ئوفىتسىر-ئەسكەرلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇلار: لېكسىيەنىڭ باش تېمىسى ئېنىق، مەزمۇنى مول، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر سۆزلەنگەن بولۇپ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان، ئەھمىيەتلىك لېكسىيە بوپتۇ، دېيىشتى.

  11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، ئارمىيە بويىچە لېكسىيە ئۆمىكىدىكلەر بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ تۆت باش بۆلۈم ۋە ھەر قايسى ئىدارە ئورۇنلارغا بېرىپ 33 مەيدان سەييارە نۇتۇق سۆزلىدى، 120 مىڭ ئوفىتسىر ئەسكەر دوكلاتنى بىۋاستە ھەم ھەر خىل شەكىلدە ئاڭلىدى، ئارمىيە بويىچە پارتىيە 18-قۇرۇلتىي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھەر قايسى ئىدارىلەر لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئۆز جايلىرىدا دوكلات بېرىشىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇردى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىدىكىلەر باش بولۇپ كۆرۈشتى ھەم ئاڭلىدى. جايلاردا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسىر ئەسكەرلەر ۋە مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا پائال قاتناشتى، ھاۋا ئارمىيەسى، ئىككىنچى توپچىلار قىسمى، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى، چىڭدۇ ھەربىي رايونى، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا ئونۋېرسىتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تارماق مەيدان تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئوفىتسىر ئەسكەرلەرنى كۆرۈشكە ۋە ئاڭلاشقا تەشكىللىدى.

  18-قۇرۇلتاي روھى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە، ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. لېكسىيە ئۆمىكىدىكى مۇتەخەسىسىلەر يىغىن روھىنى ئومۇمىيۈزلۈك شەرھىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لېنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، دوكلاتنى ئالتە نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى، لېكسىيەدە ئالاھىدە زور نەزەرىيە قارىشى، پەۋقۇلادە زور فاڭجىن سىياسەتلەر، پەۋقۇلادە زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ئەھمىيەت بېرىلگەن، توغرا ئىلىمىي بولغان، تىيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ راۋاجلانغان، ئەستە تۇتۇش ئوڭاي، ئوفىتسىر ئەسكەرلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن لېكسىيە بولدى، دىيىلدى.

  مۇتەخەسىسىلەر لېكىسيە سۆزلىگەندە نۇرغۇن تەسىرلىك ئىشلار ۋە ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىپ، رايونلارغا ۋە قىسىملارغا مەزمۇن ماس كەلمەسلىك ئەھۋاللىرىدىن ساقلاندى، سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى سۆزلىدى، ئوفىسسىر ئەسكەرلەر ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا مەزمۇن ناھايىتى ياخشى بولغان، قىسىملارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تولىمۇ يېقىن، ناھايىتى چۈشىنىشلىك ھەم يىراقنى كۆرەرلىك نۇقتىسىدىن سۆزلەنگەن، ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان نىشانلار تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان دوكلات بوپتۇ، دەپ ھېسابلاشتى.

  ئارمىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ ئىدارە ئورگانلار ئون مىڭغا يېقىن رەھبەر ۋە مۇتەخەسىسنى قىسىملارغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللىندى. شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنلۇق لېكسىيە پائالىيەتلىرى كېڭىيشىكە باشلىدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}