باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

قورغاستىكى باج كەچۈرۈم دۇكىنىدا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاندى

2014.12.28 21:37         مەنبە: توغراق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5080 يۈەنلىك گۇچى ماركىسىدىكى ئاياللار سومكىسى، 2600 يۈەنلىك ميۇميۇ ماركىسىدىكى ئاياللار پورتمالى، 200 ~ 300 يۈەنلىك ئېستې لاۋدېر ماركىسىدىكى قىزىل ئانار تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى... بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان بۇ ماللارنى شىنجاڭ قورغاستىنمۇ سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولدى.

  25-دېكابىر جۇڭگو ــ قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىكى گۇاڭخۇي شياڭگاڭ خەلقئارا باج كەچۈرۈم دۇكىنىدا خېرىدارلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن لى شىنرۇڭ خانىم چوڭ – كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈپ : «ئادەتتە ماركىلىق گىرىم بۇيۇملارنى كۆپرەك ئىشلىتىمەن، بۇ يەردە چوڭ ئورالمىلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە باھاسىمۇ % 80 ئېتىبار بەرگەن بىلەن باراۋەر ئىكەن» دېدى.

  گۇاڭخۇي شىياڭگاڭ خەلقئارا باج كەچۈرۈم دۇكىنىنىڭ تۈر مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلارنىڭ قورغاستىكى دۇكىنى 2-دېكابىردىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىغان، 2015-يىل مارت، ئاپرېلئايلىرىدا رەسمىي تىجارەت باشلىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر