باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنىڭ 13 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى

2014.12.26 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دىكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى. بۈگۈن ئېچىلغان ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت يىغىنىدا ئاشكارلىنىشىچە، 2014-يىلى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنىڭ 13 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى، شەھەر-بازارلاردا ئىشسىزلاردىن قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 5 مىليون 400 مىڭغا يېتىدىغانلىقى، ئىشقا ئورۇنلاشمىقى قېيىنراقلاردىن 1 مىليون 700 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلقى، شەھەر-بازارلارنىڭ تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ %4.1 ئەتىراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. مەملىكەت بويىچە 19 رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %14.1 بولغان، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىدىن، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىدىن يۇقىرى بولغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر