باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«12306» تور پونكىتى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئىنكار قىلدى ھەم خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرى سىستېمىنىڭ باشقا يوللىرى ئارقىلىق ئاشكارىلانغان دەپ قارىدى

2014.12.26 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دىكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئالاقە تورىدا پەيدا بولغان «12306» تور پونكىتىدىكى خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئالاقە تورىدا كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ يۈرۈيدۇ، دېگەن خەۋەرلەر توغرىسىدا، «12306» تور پونكىتى 25-دېكابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىدۇقكى، بۇ قېتىم ئاشكارلىنىپ قالغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىدە خېرىدارلارنىڭ ئېنىق شىفىرى بارىكەن.

  پونكىتىمىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان خېرىدارلارنىڭ شىفىرلىرى كۆپ قېتىم شىفىرلانغان ئېنىقسىز ئالماشتۇرۇش كودى بولۇپ، ئالاقە تورىدىكى ئاشكارلىنىپ قالغان خېرىدارلار ئۇچۇرلىرى سىستېمىنىڭ باشقا تور پونكىتلىرى ۋە باشقا يوللىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ كەتكەن. ھازىر ج خ ئورۇنلىرى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

  «12306» تور پونكىتى يولوچىلارنى شەخسىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «12306» تورى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىشىنى، 3-تەرەپنىڭ بېلەت تالىشىش دېتالى ياكى 3-تەرەپ تور پونكىتىغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالماسلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «12306» تور پونكىتى يولوچىلارنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: قىسمەن 3-تەرەپ تور پونكىتلىرى قوللانغان «بېلەت قىرغۇچ» دېتالىغا سۇغۇرتىنى باغلاپ سېتىش ئىقتىدارى بارىكەن، شۇڭا يولۇچىلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر