باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل خەلق ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى

2014.12.26 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل جۇڭگونىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جاشىياڭ 25-دېكابىر مۇنداق دېدى: ئالدىنقى 11ئايدا كەسىپنىڭ ئومۇمىي پايدىسى 30مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2013-يىلدىكى پۇتۇن يىللىق پايدا ئومۇمىي سوممىسىدىن ئېشىپ كەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا تاماملانغان تىرانسىپورت ئومۇمىي ئايلىنىش مىقدارى 74مىليارد 200 توننا كىلومتىېر، يولۇچىلار تىرانسىپورت مىقدارى 390مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا ئايرىم-ئايرىم %10ئاشقان.

  لى جاشىياڭ مۇنداق دېدى: خەلق ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، چوڭ تىپتىكى غوللۇق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى بۇ يىل تورلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ سەرخىلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئايرودىروملاردىكى يولۇچى يۈك ترانزىت نىسبىتىنى ئۆستۈردى. غول لىنىيە ئاۋىئاتسىيەسى ۋە ئوتتۇرا غەربىي قىسمدىكى ئاۋىئاتسىيە بازارلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى. يېڭىدىن سېلىنىدىغان توققۇز ئايرودىرومغا سېلىنغان مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈلدى، بېيجىڭ يېڭى ئايرودرومى قۇرۇلۇشىمۇ باشلاندى.

  2014-يىلى خەلق ئاۋىئاتسىيە كەسپى خەلقئارا بازارنى پائال ئاچتى. بۇ يىل ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يېڭىدىن خەلقئارا لىنىيەدىن 146نى ئاچتى، جۇڭگو ئامېرىكا لىنىيەسىنى ئامېرىكا كونتىرۇل قىلىش ۋەزىيىتى بۇزۇپ تاشلاندى. شەرق ئاۋىئاتسىيەسى باشلامچىلىق بىلەن ئېلىمىزدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئىلىكتىرۇنلۇق سودا كەسپى جەمئىيىتىنى قۇردى، چۈنچيۇ ئاۋىئاتسىيەسى ياپونىيە شىركىتى ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى چەتئەلدە تىجارەت باشلىغان تۆۋەن تەننەرخىلىق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر