باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا نىمە ئۈچۈن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىدۇ؟

2014.12.26 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكىرائىنا پارلامېنتى 23-دېكابىر زۇڭتۇڭ پۇروشىنكو 18-دېكابىر سۇنغان ئۇكىرائىنانىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىشى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. ئۇكىرائىنا بۇنىڭ بىلەن«ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت پىرىنسىپى قانۇنى» دىن ئۇكىرائىنانىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىنى ساقلاش دېگەن ماددىنى ئۆچۈرۋېتىدۇ، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە يېتىش ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ» دېگەن ماددىنى كۆپەيتىدۇ. بۇ بىرنى ئۆچۈرۈپ بىرنى كۆپەيتىش ئۇكىرائىنانىڭ بۇندىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىگە توسالغۇلارنى قانۇن جەھەتتىن تۈگەتكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ.

  ئۇكىرائىنانىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن نىمە ئۈچۈن ۋاز كېچىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇكىرائىنا ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بۇ ئورۇن دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇش جەھەتتە كۈچكە ئىگە ئەمەس، رۇسىيە ھەربى ئىشلار، سىياسىي، ئىقتىساد، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردە ئۇكىرئىناغا ئۆلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇكىرائىنانى دۆلەت مۇقىملىقى، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، بىخەتەرلىك ۋە زېمىن پۈتۈنلۈك جەھەتتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كاپالەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كاپالەت دېگىنىمىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۇكىرائىنانىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىشى ئۇكىرائىنانىڭ تېزدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇكىرائىنا زۇڭلىسى ياسەينۇك مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىدا بريۇسسېلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشكەندە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىش ئۇكىرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش ئۇزاق مۇساپىسىدىكى بىرىنچى قەدەم، بۇندىن كېيىن يەنە تەلەپ بويىچە بىخەتەرلىك، سىياسىي، ئىقتىساد، ئەدلىيە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىمىز دېگەن پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇكىرائىنا زۇڭتۇڭى پۇروشىنكو يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكىرائىنا دائىرىلىرى، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق شىمالىى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش ئۆلچىمىگە يېتىدىغان ئاز دېگەندە ئالتە يىللىق پىلاننى تۈزۈپ چىقتى. ئاخىرىدا ئۇكىرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرەلەمدۇ يوق؟ بۇ ئومۇم خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى ئۇكىرائىنا رەھبەرلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتىغا تېزلا كىرىشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىدۇ.

  مۇشۇنداق بولغانكەن، يەنە نىمە ئۈچۈن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ھازىرلا ۋاز كېچىدۇ؟ ئۇكىرائىنا پارلامېنتىدىكى بىردىن بىر ئۆكتىچى پارتىيە «ئۆكتىچى گۇرۇھ ئىتتىپاقى» بۇنداق قىلىش سىياسىي جەھەتتە ئويلاشقانلىق دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. بۇ يەردىكى سىياسىي جەھەتتە ئويلىشىش رۇسىيەگە ھەيۋە پەيدا قىلىش، شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتىغا ياخشىچاق بولۇشتىن ئىبارەت.

  رۇسىيە ئۇكىرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىگە كۈچلۈك قارشى تۇرۇپ كەلدى، بۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر تەھدىد پەيدا قىلىدۇ دەپ ھىسابلىدى. رۇسىيە زۇڭلىسى مېدېۋېدېۋ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكىرائىنا زۇڭتۇڭى پارلامېنتقا سۇنغان ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىش قانۇن لايىھىسى ئەمەلىيەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش ئىلتىماسى بولۇپ، ئۇكىرائىنانى رۇسىيەنىڭ يوشۇرۇن ھەربىي رەقىبىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ خىل قارار ئىنتايىن پاسسىپ ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ، رۇسىيە بۇنىڭغا مەجبۇرىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 23-دېكابىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇكىرائىنانىڭ ئىتتپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىش قارارى قارشىلىشىشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ھەمدە بۇ خىل قانۇننى ماقۇللاش ئارقىلىق ئۇكىرائىنانىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق كىرىزىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دېگەندەك ساختا تۇيغۇنى شەكىللەندۈرىدۇ. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى دۆلەت مۇداپئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئۇكىرائىنانىڭ بۇ ھەرىكىتى رۇسىيەگە نىسبەتەن خىرس، ئۇكىرائىنانىڭ دۈنباس رايونىدىكى توقۇنۇشنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋېتىدۇ، دېدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئۇكىرائىنا رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پۈتۈنلەي پەرۋا قىلماي تۇرالمايدۇ. ئۇكىرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسىدە رۇسىيەنىڭ مەيدانىنى ئويلاشمىسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە مۇقەررەر ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىي قىسمدىكى قۇراللىق توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا تەسىر قىلىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۈم، رۇسىيە ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسمدىكى ئەل ئىچى قۇراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا زور تەسىر كۈچكە ئىگە ھەمدە 10 قېتىم مەزكۈر قۇراللىق كۈچلەر كونتروللىقىدىكى رايونغا ئون مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزگەن، ئەگەر رۇسىيە ياراشتۇرۇش ئېلىپ بارمىسا، ئۇكىرائىنا دائىرىلىرىنىڭ شەرقى قىسىمدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.

  ئۇكىرائىنا ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە كۈچكە ئىگە ئەمەس. ھالبۇكى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش مۇساپىسىنى باشلاش مەسىلىنى ھەل قىلمايلا قالماستىن، رۇسىيە بىلەن ئۇكىرائىنا مۇناسىۋىتىنى پەسەيتىش ۋە ئۇكىرائىنانىڭ ئىچكى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ قېيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. شىمالىيى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىراقتىكى سۇ يېقىندىكى ئوتنى ئۆچۈرەلمەس ھالىتىدە قالدى. دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش جەھەتتە ئۇكىرائىنا ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىغا تايىنىشقا تېخىمۇ مۇھتاج.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر