- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنداق بەلگىلىدى: كارخانىلار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە خەۋپ-خەتەر ئامىللىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەك
2014.12.26 16:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دىكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى خەۋپ-خەتەرنى تولۇق بىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، كارخانىلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن، يېقىندا «كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدىكى خەۋپ-خەتەرلەرنى ئاشكارە ئېلان قىلىشقا ئائىت ئالتە ماددىلىق بەلگىلىمە» نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كارخانىلار كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپى بار ئىش ئورۇنلىرىغا، چوڭ خەۋپ مەنبەسى بىلەن ئېغىر كەسپىي كېسەل پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان سورۇن-ئورۇنلارغا، چوڭ ھادىسە يۇشۇرۇن نۇقتىلىرى بىلەن چوڭ خەۋپ مەۋجۇت ئورۇن-سورۇنلارغا ۋە شۇنداق ئۈسكۈنىلەرگە ئەسكەرتمە چاپلاپ ۋە ئورنىتىپ، ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئالاقىدار خەۋپ-خەتەر ئامىللىرى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئاشكارە ئېلان قىلىپ ئۇقتۇرۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر