باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەققىدىكى 10 چوڭ دېلو ئېلان قىلىندى

2014.12.26 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ئىشخانىسى 25-دېكابىر 2014-يىللىق سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەققىدىكى ئون چوڭ سانلىق مەلۈمات، ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 2014-يىللىق سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەققىدىكى ئون چوڭ سانلىق مەلۈمات مەملىكەت بويىچە قولغا چۈشۈرگەن، كۆيدۈرگەن تۈرلۈك قانۇنسىز نەشىر بۇيۇمىنىڭ سانى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان تۈرلۈك سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش دېلوسىنىڭ سانى، مەملىكەتلىك سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ئىشخانىسى ئۆزى مۇستەقىل ياكى باشقا تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ بېجىرگەن تۈرلۈك سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەققىدىكى دېلو سانى، توردىكى شەھۋانى ئۇچۇرلار ھەققىدە تاپشۇرۇۋېلىنغان يىپ ئۇچى مەلۈماتىنىڭ سانى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولاردىكى دېلوغا چېتىلشىق ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، جازا مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن، جەرىمانە قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇش قاتارلىق تىپىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى ئېلىمىز «تورنى ساپلاشتۇرۇش»، «كۈز شامىلى»، «مەنبەسىنى ئېنىقلاش»، «چېگرىنى مۇستەھكەملەش» قاتارلىق تۆت چوڭ مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرى ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى ئۈنۈملۈك توساپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەدەنىيەت مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش، مەدەنىيەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئىجابىي تۆھپە قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر