24-دېكابىر كەچتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت مۇداپىئە تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى KTV، قاۋاقخانا، كېچىلىك كۇلۇب، مېھمانخانا، سودا ساراي، بازار ۋە چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى سورۇنلارنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ، ئېغىر ئوت ئاپىتى، بولۇپمۇ ئوت ئاپىتىدە كوللېكتىپ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى ۋ توسىدى.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى ھەر قايسى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردىكى تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە بىخەتەرلىك چىقىش ئېغىزىنى ئىگىلىۋېلىش، توسۇش، پېچەتلەش ياكى سانى يېتەرلىك بولماسلىق، بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلىماسلىق، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، ئوت مۇداپىئە ئىقتىدارى بولماسلىق، ئاممىۋى سورۇنلارنى ئاسان ئوت ئالىدىغان ماتېرىياللاردا بېزەش قاتارلىق ئەھۋاللار تەكشۈرۈلدى.