- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي كومىتېتى ئالى كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2014.12.26 16:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي كومىتېتى ئالى كېڭىشى يىغىنى 23-دېكابىر رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يىغىندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى بارلىق قوشنا دۆلەتلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ، بۇ دۆلەتلەر مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، رۇسىيەنىڭ شەرق ۋە غەرىبىتىكى ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: غەرىبنىڭ جازاسى ۋە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى رۇسىيەنى ئېغىر ئىقتىسادى ۋەزىيەتكە دۇچار قىلدى. ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى بولسا، رۇسىيەنى ياۋروپا-ئاسىيا رايونىنى قاپلىغان بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بىلەن تەمىنلىدى، بۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پايدىلىق.
ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى رۇسىيە، بېلورۇسىيە، قازاقىستاندىن ئىبارەت 3 دۆلەت تاموژنا باج ئىتتىپاقىدىن تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن. شەرتنامىگە ئاساسەن، ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئىش باشلايدۇ. نىشانى 2015-يىلىدىن ئىلگىرى ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدا تاۋار، مۇلازىمەت، كاپىتال ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقى ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز-ئارا پايدا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ئاساسىدا قۇرۇلدى، بۇ ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق ئەزالىرى باراۋەر ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن، كەلگۈسىدە بۇ ئىتتىپاقى ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ماسلىشىپ، بىردەك سىياسەت ۋە بىرلىككە كەلگەن سەھىيە ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىنى قوللىنىدۇ. 2016-يىلىدىن بۇرۇن بىرلىككە كەلگەن دورا بازىرى ، 2019-يىلىدىن بۇرۇن بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر قۇۋۋىتى بازىرى، 2025-يىلىدىن بۇرۇن بىرلىككە كەلگەن نېفىت، تەبىئىي گاز بازىرى قۇرىدۇ.
1-، ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى قازاقىستان بىلەن بېلورۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى ۋە پۈتۈن ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا پايدىلىق. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى- ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادى كومىتېتى ئالىي كېڭىشى، كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى نۆۋەت بىلەن ئۆتەيدۇ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىتتىپاق ئىچكى ئىقتىسادى سىياسىتىنى يولغا قويۇش، شۇنداقلا ئۆز دۆلىتىگە پايدىلىق بولغان ئىقتىسادى سىياسەتنى يولغا قويۇش ھوقۇقى بار.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، غەربنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، رۇسىيە، بېلورۇسىيە، قازاقىستان ئىقتىسادنى ئەركىنلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، نەتىجىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ناچارلاشتى، غەرب ۋەدە قىلغان ئىقتىسادى ياردەم ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشمىدى. غەربنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق قىلمىشىدىن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەر غەربنىڭ مەقسىتىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنى پارچىلاش ئىكەنلىكىنى، ئىچكى قىسىمدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
نۆۋەتتە غەرب ئەللىرى رۇسىيەگە پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق ئىقتىسادى جان تومۇرى بىلەن چېتىلىدىغان ساھەلەرگە جازا يۈرگۈزمەكتە. رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش خەۋپى بارغانچە كۈچەيمەكتە، قازاقىستان بىلەن بېلورۇسىيە رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر