مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئارزۇنى مۇنداق تولدۇرۇڭ

قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىڭىزنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ

2020.07.20 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇرى ئېلان قىلىنىدۇ. ئارزۇ تولدۇرغاندا ئاۋات كەسىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تاللاشنى ئۈمىد قىلامسىز ياكى ئالاھىدە كەسىپلەرنىمۇ؟ تولۇق كۇرسنى ئوقۇپ بولۇپ داۋاملىق بىلىم ئاشۇرماقچىمۇ ياكى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشماقچىمۇ؟ قايسى ساھەدە ئىشلەشنى، قايسى شەھەردە يىلتىز تارتىشنى، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟ ئۇچۇر توپلاش خىزمىتىنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلەش، ئارزۇ تولدۇرۇش ماھارىتىنى قانداق ئىگىلەش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا خەۋپ-خەتەردىن مۇۋاپىق ساقلىنىپ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ مۇتەخەسسىس ۋە كەسپىي زاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىنى ئاڭلاپ باقايلى.

  نومۇر، نومۇر سىزىقى، ئورۇننى بىلىۋېلىڭ

  −− ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ نومۇرى ۋە رەتكە تىزىلغان ئورنىدىن چىقىش قىلىش لازىم

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئومۇمىي نومۇرىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، «نومۇر-ئورۇن جەدۋىلى»مۇ ئومۇمىي نومۇرغا ئوخشاشلا مۇھىم.

  شەنشى پېداگوگىكا داشۆسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شىن شياڭرېن مۇنداق دېدى: ئارزۇ تولدۇرۇشتا بىرىنچى قەدەمدە «نومۇرىنى بىلىش، نومۇر سىزىقىنى بىلىش، رەتكە تىزىلغان ئورنىنى بىلىش» لازىم. «نومۇرى ۋە نومۇر سىزىقىنى بىلىش» − ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ نومۇرى ۋە ھەر قايسى تۈركۈمدىكى قوبۇل قىلىشنى كونترول قىلىش نومۇر چېكىنى بىلىشتۇر؛ «رەتكە تىزىلغان ئورنىنى بىلىش» − ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئومۇمىي نومۇرىنىڭ ئۆلكە بويىچە ئوخشاش پەن تۈرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ رەتكە تىزىلىشىدىكى ماس ئورنىنى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى «نومۇر-ئورۇن جەدۋىلى»دىكى ئورۇن تەرتىپىنى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ. «ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ‹نومۇر-ئورۇن جەدۋىلى>دىن ئۆزىنىڭ نومۇر رەت تەرتىپىدىكى ئورنى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى قوبۇل قىلىش ئورنىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئورنىدىن سەل يۇقىرى بولغان، تەڭ بولغان ۋە بىرئاز تۆۋەنرەك بولغان ئون نەچچە ئالىي مەكتەپنى دائىرىلەپ بېكىتىپ، دائىرىسىنى كىچىكلىتىش ئارقىلىق، نۇقتىلىق چۈشىنىپ باقسا بولىدۇ».

  ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا داشۆسى ئۆلچەش ۋە باھالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇ شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: «قانچە نومۇر ئېلىش، ئالغان نومۇرى ئۆلكە ئىچىدە قايسى ئورۇندا تۇرۇش، قانداق مەكتەپتە، قايسى كەسىپتە ئوقۇش ئاساسەن كۆپ يىللاردىن بۇيان مۇشۇ ئورۇندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاساسەن بىردەك بولىدۇ. نومۇر ئورنىدىن ئېشىپ كەتكەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىگە ئېرىشىشنى خام خىيال قىلماڭ، سودا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاتالمىش يېتەكلىشى ئارقىلىق نومۇر رەت تەرتىپىڭىزدىن يۇقىرى بولغان قۇبۇل قىلىنىش تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەڭ».

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى، مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقىدىن باشقا، يەنە قانداق ئۇچۇرلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟

  شىن شياڭرېن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئارخىپ بېرىش ئۇسۇلى، تۈركۈم تەسىس قىلىنىش قاتارلىقلارمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇنلاردۇر. ھەر بىر تۈركۈمگە قانچە مەكتەپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ؟ ھەر بىر مەكتەپكە قانچە كەسىپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ؟ تەڭشەشكە بويسۇنۇش ئىستونى تەسىس قىلىنغانمۇ-يوق؟ يۇقىرىقى نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇچۇر سۇپىسى، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئىمتىھان مەھكىمىلىرى، نىشانلىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بېكىتىدىن ئىزدەپ تېپىشقا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق كۆڭلىڭىزدە سان بولىدۇ.

  «چوڭ تىزىملىك»كە «كىچىك تىزىملىك»نى قوشۇڭ

  −− قىزىقىش، كەسپىي پىلان بىلەن ئىجتىمائىي ئېھتىياجنى بىرلەشتۈرۈش لازىم

  ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلگەندىن كېيىن، مەكتەپ ۋە كەسىپنى تاللاشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ. ئادەتتە، قىزىقىش، كەسپىي پىلان بىلەن ئىجتىمائىي ئېھتىياجنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق مەكتەپ، كەسىپنى تاللاش كېرەك.

  مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللاشنىڭ قانداق باسقۇچلىرى بار؟

  خۇ شياڭدۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ نومۇرى رەتكە تىزىلغان ئورۇنغا ئاساسەن، ئۆزى تاللىيالايدىغان مەكتەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يەنى ئۆزى تاللىيالايدىغان «چوڭ تىزىملىك»نى تۈزۈشكە بولىدۇ. يەنە ئۆزىنىڭ شەخسىي قىزىقىشى، شەھەرگە بولغان ئىنتىلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش يۈزلىنىشى قاتارلىقلارنى رەتلەپ، ئۆزىنىڭ نومۇرى ۋە تاللاش يۆنىلىشىگە ماس كېلىدىغان مەكتەپلەرنى تاللاپ چىقىپ، تاللاشقا بولىدىغان مەكتەپ مۇندەرىجىسىنى، يەنى «كىچىك تىزىملىك»نى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئارقىدىن، نىشانلىق مەكتەپلەرنىڭ «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى» ۋە پىلان سانىنى قايتا ئوقۇپ، مەكتەپنىڭ پەن تۈرى، كەسپىي دەرىجە پەرقى بار- يوقلۇقى، تەڭشەش سىياسىتى، يەككە پەن تەلىپى بار-يوقلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلىپىنى ئىگىلەپ، يەنە بىر قېتىم ماسلاشتۇرۇش كېرەك. «كىچىك تىزىملىك» ئاساسىدا ئۆزىنىڭ «خاسلىق تىزىملىكى» يەنى «ئارزۇ تولدۇرۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقىش لازىم. ئەگەر شارائىت يار بەرسە، بەزى ئوقۇتقۇچىلار، تىزىملىكتىكى مەكتەپتىكى مەكتەپداشلار قاتارلىق تەرەپلەردىن پىكىر ئالسا بولىدۇ.

  ئېھتىياتچان بولۇپ، خاتا قاراشلاردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇڭ

  −− پاراللېل ئارزۇ ھەرگىزمۇ خەۋپ-خەتەر يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ

  نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئاساسلىقى پاراللېل ئارخىپ بېرىش ۋە پەلەمپەيسىمان ئارخىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئارخىپ بېرىش ئۇسۇلى بار.

  پاراللېل ئارزۇنىڭ ئارخىپ بېرىش پىرىنسىپى «نومۇرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئارزۇغا ئەمەل قىلىش»تىن ئىبارەت، يەنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان تەرتىپ ۋە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە ئىزدەپ، بىر قېتىمدا ئارخىپ يوللاشتىن ئىبارەت. پەلەمپەيسىمان ئارزۇنىڭ ئارخىپ بېرىش پىرىنسىپى «ئارزۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، نومۇرغا ئەمەل قىلىش»تىن ئىبارەت. بۇنداق بولغاندا، بىرىنچى ئارزۇ ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ.

  شىن شياڭرېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر پەقەت 0-تۈركۈم يەنىلا پەلەمپەيسىمان ئارزۇغا تەۋە، كۆپ قىسىم ئۆلكىلەردە پاراللېل ئارزۇ يولغا قويۇلدى. «پاراللېل ئارزۇ تولدۇرۇش ئەندىزىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشنى تاللاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئارزۇ تولدۇرۇش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتتى، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ پاراللېل ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرى يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ».

  شىن شياڭرېن مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋپ-خەتەر ئالدى بىلەن مەكتەپ ئارزۇسىدا پەلەمپەيسىمان پەرق يوقلۇقىدا ئىپادىلىنىدۇ، شەنشىنى مىسال قىلساق، پاراللېل ئارزۇ تولدۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە ئالتە ئالىي مەكتەپنى تولدۇرسا بولىدۇ، ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تاللىغان ئالىي مەكتەپ قاتلىمى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولسا، بۇ بىر ئارزۇغا باراۋەر بولۇپ، ئاسانلا «ئومۇميۈزلۈك كېيىنكى ئارزۇغا چۈشۈپ كېتىش» ياكى «بوشلۇققا دەسسەش» ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نومۇرى، قىزىقىشى ۋە بەدەن شارائىتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئالىي مەكتەپلەرنى مۇۋاپىق ئارىلىق قالدۇرۇپ رەتكە تىزىش كېرەك.

  شىن شياڭرېن مۇنداق دېدى: «ئىككىنچى خەۋپ-خەتەر ئادەتتە كەسىپ تەڭشەشكە بويسۇنماسلىق ئېلىپ كەلگەن ئارخىپنى قايتۇرۇۋېتىش خەۋپ-خەتىرى بولۇپ، بۇ، پاراللېل ئارزۇ ئارخىپقا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئارخىپتىن چېكىندۈرۈلۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. شەنشىنى مىسال قىلساق، ئادەتتە پاراللېل ئارزۇ ئىچىدە ھەر بىر مەكتەپتە ئالتە كەسىپ ئارزۇسى ۋە بىر تەڭشەشكە بويسۇنۇش ئىستونى تەسىس قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارخىپقا كىرگەندىن كېيىن نومۇرى تۆۋەن بولۇپ، ئارزۇ تولدۇرغۇچىنىڭ كەسپىي ئارزۇسىنى قاندۇرالمىسا ھەمدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭشەشكە بويسۇنمىسا، ئارخىپتىن چېكىندۈرۈلىدۇ. پاراللېل ئارزۇدا نومۇر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، بىر قېتىملا ئارخىپ بېرىلگەچكە، ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارخىپى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلسە، ئارزۇ تولدۇرغاندىن كېيىنكى مەكتەپلەرگە ئارخىپ بېرىلىش پۇرسىتى بولمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر پەقەت بۇ تۈركۈمگە ئارزۇ توپلاش ياكى كېيىنكى تۈركۈمگە قوبۇل قىلىشقا قاتنىشالايدۇ. «شۇڭا، پاراللېل ئارزۇ ئۇسۇلى بىلەن ئارخىپ بەرگەندە، ئادەتتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمكانقەدەر كەسپىي تەڭشەشكە بويسۇنۇپ، ئارخىپ چېكىندۈرۈلۈش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ