مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئورتاق ئائىلىمىزنى قوغدايلى

2020.07.20 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىز ھەممىمىز جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى، بىز چىن دىلىمىزدىن ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، بۇ ئورتاق ئائىلىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  يېقىندا نۇرغۇن جايلاردا قارا يامغۇر يېغىپ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەر كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

  مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پۈتۈن كۈچىنى جەڭگە ئاتا قىلىۋاتقان شۇ توپ-توپ ئادەملەر كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ئاشۇ ىىر جۈپ بىر جۈپتىن بىلەكلەر، سۇدا چىلىنىپ تۇرىۋېرىپ پۈرلىشىپ ئاقىرىپ كەتكەن ئاشۇ بىر جۈپ بىر جۈپتىن پۇتلار، پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ يەنە لاي بىلەن تولۇپ كەتكەن ئاشۇ كۇرمىڭلىغان بەدەنلەر... ئەسكەرلەر جاپادىن ۋە ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماي قۇتقۇزۇپ چىققان ئاھالىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئىللىق ۋە ئەڭ مۇستەھكەم بىلەكلىرىنى سۇندى. بىر ناخشىدا ئېيتىلغاندەك: سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، جەڭچىلەر جەڭ مەيدانىغا چىقىشى كېرەك. بۇ دەل كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ كارتىنىسى. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش دېگىنىمىز، ھەر بىر ئىش ئورنىنى ياخشى ساقلاپ، ھەر بىر ئىشنى ياخشى قىلىش دېگەنلىك. خەلق ئاممىسى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغاندا ئالدىدا مېڭىپ، ئاممىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇشتۇر.

  مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پوزىتسىيىسىمۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتا، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ يۇرت-ماكانىمىزنى ئۆزىمىز قوغدايمىز، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى، يۇرتداشلار ئاكتىپ قاتناشتى. 1998- يىلى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن ۋاڭ خەننى ئازادلىق ئارمىيە ۋە خەلق ئەسكەرلىرى قۇتقۇزۇش سالىنى ئىتتىرىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. بۇ يىل كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە ئادەم ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇ يەنە قەتئىيلىك بىلەن توسمىغا چىقىشقا تىزىملاتتى، 22 يىل ئىلگىرى شۇ خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى بىزنى قۇتقۇزغان ئىدى، ئەمدى بىز ئۆزىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ يۇرت-ماكانىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. مانا سىرتتىكى يۇرتداشلارغا يېزىلغان بىر پارچە خەت، بىر ئېغىز «يۇرتۇم ساڭا موھتاج» دېگەن سۆز، نەچچە مىڭ مۇساپىر ناھايىتى تېزلا يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ، جياڭشى جيۇجياڭ دەرياسىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ھەر قايسى جايلاردا ناھايىتى كۆپ، ئورتاق يۇرت-ماكانىمىزنى قوغداشتا، ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.

  پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىلغان ئىش ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشتىكى ئەڭ جاپالىق جايدا پەيدا بولالمىدى، لېكىن ئۇلارمۇ پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلدى. جياڭشى پوياڭ كۆلى بويىدا، يېشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50تىن ئاشقان «ھاممىلار ئۆمىكى» بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى توسما ياساپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى چىقارماقچى بولغان ئىكەن. ئۇلار قۇم خالتىسىنى كۆتۈرەلمىسە، قۇم خالتىسىنى قاچىلىدى؛ توسما ياسىيالمىسا، ئۇلار چارلاشقا ياردەملەشتى؛ يامغۇر يېغىپ سوغۇق بولۇپ كەتسە زەنجىۋىل شورپىسى قاينىتىپ بەردى، ھاۋا ئىسسىپ كەتسە جەڭچىلەرگە ماش شورپىسى ئاپىرىپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ يېشى بويىچە كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتناشمىغان تەقدىردىمۇ، ھېچكىم ھېچنېمە دېمەيتى. لېكىن ئۇلار يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۆھپە قوشۇپ، ئالدىراشلىق ئىچىدە ئالدىراش يۈرىدۇ، روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بەرگەن كىچىك دوستلار، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆتۈرۈپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش جەڭچىلىرىنى يوقلاپ بارغان چوڭ ئاچىلار، سانسىزلىغان ئادەتتىكى كىشىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قانچىلىك كۈچى بولسا، شۇنچىلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، «ھاياتلىق توسمىسى»نى قوغداش ئۈچۈن كۈچ ئۇلىدى.

  مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە، كەسىپ، جىنس، ياش، سالاھىيەت مەيلى نېمە بولسۇن، بىز ھەممىمىز بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇشىمىز لازىم، بىز جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى، شۇڭا، بىز چىن كۆڭلىمىزدىن ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، ئورتاق ئائىلىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ