باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيقۇنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى قان بېسىمىنىڭ مۇقىم ياكى ئەمەسلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ

2018.11.30 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىمار جاڭ ئەپەندى بىر كۈندە 10 سائەت ئۇخلىسىمۇ يەنىلا ئۇيقۇسى كېلىپ، ئەسلىدە ياخشى كونترول قىلىۋاتقان قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كەتتى، ھەتتا تۆت خىل قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىسى يېگەن بولسىمۇ پايدىسى بولمىغانلىقتىن، دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە، ئۇزاق ئۇخلاشنىڭ ياخشى ئۇخلاش ئەمەسلىكىنى، ياخشى ئۇخلىيالماسلىقنىڭ داۋالاش تەس بولۇش خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىم پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدى.

  ۋۇخەن شەھەرلىك 4-دوختۇرخانا يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ لىچۈن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيقۇنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى قان بېسىمىنىڭ مۇقىم بولۇش- بولماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك»، جاڭ ئەپەندى گىرىپتار بولغان ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولسا، بىمارلار ئۇخلاۋاتقان مەزگىلدە يۇتقۇنچاق مۇسكۇللىرى ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ، ھاۋا ئېقىمىنى سۈمۈرۈش توسالغۇغا ئۇچراپ، نەپەس قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇ داۋالاش تەس بولۇش خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل. ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىدە خورەك تارتىش، ئۇيقۇسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، نۇرغۇن كىشى خورەك تارتىشنى ئۇخلاش سۈپىتى ياخشى بولۇش، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇيقۇدا ئۇزاق مەزگىل ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە، تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلى ۋە يۇقىرى كاربوناتلىق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىش پەيدا قىلىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

  شاڭخەي بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى خوڭ جياڭ شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئۇيقۇ ياخشى بولمىغاندا، بولۇپمۇ تۈنىگەندە، قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزۈپ، قان بېسىمىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە ئادەمنىڭ قان بېسىمى كۈندۈزى يۇقىرى، كېچىسى تۆۋەن بولۇشتەك «قوشۇقسىمان» ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى نامايان قىلىدۇ، كىشىلەر كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارمۇ ناھايىتى ياخشى دەم ئالالايدۇ. ئەگەر كېچىچە تۈنىگەندە، كېچىدىكى قان بېسىمى سىمپاتىك نېرۋا سەۋەبلىك دەم ئالالمايدۇ، ھەتتا ئۇيقۇسىزلىق سەۋەبلىك تەشۋىشلىنىش پايدا قىلىپ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈرەك، مېڭە قاتارلىق ئەزالارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، قان بېسىمىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ياخشى ئۇخلاش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر