باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر كۈنى 10 گىرام قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىش يەپ بەرسە يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى، دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

شاڭخەي خۇادۇڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى چېن شيافېي

2018.11.21 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىشنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، «ئوزۇقلۇق شاھى» دېگەن نامى بار. «خەلقئارا ئىپىدىمىئولوگىيە ئىلمىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 10 گىرام قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىش يېگەندە، يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى خەۋپىنى ئايرىم-ئايرىم %17، %21 ۋە %30 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. شاڭخەي خۇادۇڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى چېن شيافېينىڭ دېيىشىچە، ئەمەلىيەتتە، قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىشنىڭ ئوزۇقلۇق جەھەتتىمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن.

  ھاۋاي مېۋىسى: ئېنېرگىيە شاھى. ھاۋاي مېۋىسى تەملىك، ئۆزگىچە سۈت پۇرىقى بار بولۇپ، «قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىشلەر خانىشى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ئاقسىل ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن B1، B2 ۋە ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتا بار بولۇپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر سىستېمىسىنى قوغدايدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە قاندا ماي كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئېنېرگىيەسى يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرام تەركىبىدە 700 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق بار، ھەر كۈنى ئۈچتىن بەش تالغىچە يېيىشكە بولىدۇ.

  بادام، قارىغاي ئۇرۇقى: تالا ماددىسى مول. قارىغاي ئۇرۇقى تەركىبىدە مول بولغان يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىش جەمەتىدىكى تالا ماددىسى چېمپىيونى. ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى شىپپېنسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشچە، تاماقتىن بۇرۇن بىر سىقىم قارىغاي ئۇرۇقى يېسە، بىر كۈنلۈك تاماق مىقدارىنى %37 چۈشۈرگىلى بولىدىكەن. بادامنىڭ يېمەكلىك تالاسى مىقدارى قارىغاي ئۇرۇقىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

  خاسىڭ (يەر ياڭىقى): ھەممىگە قادىر ئوزۇقلۇق شاھى. خاسىڭ «ئۆمۈرنى ئۇزارتقۇچى مېۋە» دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇقى مول، ئاقسىل، ماي، ۋىتامىن ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. خاسىڭ تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى تەركىبلەر ھۈجەيرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ، يۈرەك كېسىلى ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياخشى بولغان قان شېكىرى سەۋىيەسىنى ساقلاپ، ئىككىلەمچى دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

  پىستە: كۆز ئاسراش مۇھاپىزەتچىسى. پىستە «كۆز ئاسراش كىچىك مۇھاپىزەتچىسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، تەركىبىدە B تۈردىكى ۋىتامىنلار، β كاروتىن ۋە زور مىقداردىكى كىسانتوفىل بار. ھەر 28 گىرام پىستە تەركىبىدە 342 مىكرو گىرام كسانتوفىل بار بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداپ، كۆرۈش تور پەردىسىدىكى سېرىق داغ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ھەر كۈنى 10 گىرام ئەتراپىدا پىستە يېگەندە، كۆزنى قوغداشقا پايدىلىق.

  ياڭاق: چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ياردەمچىسى. ياڭاق تەركىبىدىكى ۋىتامىن Eنىڭ مىقدارى باشقا قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىشلەردىن خېلىلا يۇقىرى. ۋىتامىن E بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئەركىن رادىكال تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بەدەننىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ياڭاق تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى تەركىبلەر بار بولۇپ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش، تېرە ئاسراشنىڭ ياخشى ياردەمچىسى دېيىشكە بولىدۇ، ئاياللار ۋە نىسبىي ساغلام كىشىلەر توپى دائىم يېيىشكە بولىدۇ.

  ئورمان ياڭىقى: دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكى. ئورمان ياڭىقى تەركىبىدە كالتسىي، ماگنىي مىقدارى بىرقەدەر كۆپ، ھەر 100 گىرام ئورمان ياڭىقى تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى 815 مىللىگرامغا يېتىدۇ. بالىلار، ھامىلىدار ئاياللار ۋە ياشانغانلار ئورمان ياڭىقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى 15 گىرام ئەتراپىدا ئورمان ياڭىقى يېگەندە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، دىيابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن. دېمەك، ئورمان ياڭىقى دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكى، دەپ قارىلىدۇ.

  چېن شيافېي مۇنداق دېدى: قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىشلەرنى قۇۋۋەتلىك ھەم ساغلام يېيىشتە، مۇنۇلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك:

  بىرىنچى، زىيادە كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. ھەر كۈنى 10 گىرام ئەتراپىدا قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىش يېسىلا، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بولمىسا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئاسانلا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، سەمىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  ئىككىنچى، يېڭىراقىنى تاللاش لازىم. قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىشلەرنى ساقلاش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ ياكى كۆكىرىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئافلاتوكسىننىڭ راك پەيدا قىلىش خەۋپى بار.

  ئۈچىنچى، ئەسلىي تەمدىكىنى تاللاش لازىم. بازاردىكى نۇرغۇن قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىشلەر تۇزلۇق، ئاچچىق، قايماق قاتارلىق تەملەردە ياسالغان بولۇپ، تۇز، قەنت مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا سالامەتلىككە پايدىسىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر