باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«كىسلاتا-ئىشقار بەدەن سۈپىتى نەزەرىيەسى» ئىلىم-پەنمۇ ياكى ئالدامچىلىقمۇ؟

2018.11.09 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كىسلاتا-ئىشقار بەدەن سۈپىتى نەزىرىيەسى پېشۋاسى» ئامېرىكىدا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، دۆلەت ئىچىدىكى سودىگەرلەر «كىسلاتا-ئىشقار نەزەرىيەسى»دىن پايدىلىنىپ پۇل تاپماقتا، مۇتەخەسسىسلەر بەدەن سۈپىتىنىڭ كىسلاتا-ئىشقار دەپ ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يېقىندا، ئامېرىكىدا «كىسلاتا- ئىشقار بەدەن سۈپىتى نەزىرىيەسى پېشۋاسى» روبىرت ياڭ 105 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىندى، سوتتا ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى، دېگەن ماقالە توردا قىزغىن تارقىتىلدى. ئامېرىكا سانتىياگو يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆلەم سوممىسىنى شۇ جايدىكى زاسېداتېللار ئۆمىكى قارار قىلغان بولۇپ، دېلونى قاراپ چىقىشقا 1045 كۈن كەتكەن بولسىمۇ، نۆۋەتتە تىخى ئاخىرلاشتۇرۇلمىغان. نۇرغۇن تورداش ئۆز ئۆيىدىكى ياشانغانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش بۇيۇملىرىنى سېتىش خادىملىرى ئېيتقان «كىسلاتالىق بەدەن سۈپىتى بەدەن ساغلاملىقىغا زىيانلىق» دېگەن گەپلىرىگە ئىشىنىپ، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغانلىقىنى، لېكىن ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

  تەكشۈرۈپ بايقىلىشىچە، «كىسلاتا- ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى» ھەققىدىكى كىتابلار ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار نۇرغۇن سودا تورلىرىدا سېتىلىۋاتقان، ھەتتا بەزى سودىگەرلەر ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلغان مەزگىلدە «ئىشقارلىق بەدەن سۈپىتى»نى ساقلىغاندا ئوغۇل تۇغۇشقا پايدىلىق، دېگەن. ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېيىشىچە، بەدەن سۈپىتى كىسلاتالىق ياكى ئىشقارلىق دەپ ئايرىلمايدىغان بولۇپ، كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر ۋە ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى تەڭپۇڭ غىزالىنىشنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەن، «كىسلاتالىق مۇھىتتا ئاسانلا راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ»، دېگەندەك قاراشلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر