باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئاخبارات - ھۆججەت

جۇڭگو كومپارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

2016.11.03 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016- يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمي يىغىنىدا ماقۇللانغان.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمي يىغىنى 2016- يىلى 10-ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىنغا، مەركىزى كومىتېتىنىڭ 197 ئەزاسى، 151 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ۋەكىللىرىدىن ئاساسى قاتلامدىن كەلگەن بىر قىسىم يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  ئومۇمي يىغىنغا مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزى كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئومۇمي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزانلار ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى نازارەت قىلىش نىزامى، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ مىزاننىڭ مۇزاكىرە قىلىش نۇسخىسى ۋە نىزامنىڭ مۇزاكىرە نۇسخىسى توغرىسىدا ئومۇمي يىغىندا ئىزاھات بەردى.

  ئومۇمي يىغىندا پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5- ئومۇمي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ھەمدە بىردەك، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-،5-، ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيەنى تۈزەپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى قارشى ، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەۋرنىڭ چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي تەلەپلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىش قىلىشقا يېتەكلەپ، بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە تۆتكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىككىنى ئۆگىنىش بىردە لاياقەتلىك بولۇشنى ئۆگىنىش تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھاتقا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى ئىسلاھات قىلىشتا چوڭ قەدەم تاشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭىدىن زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ئومۇمي يىغىندا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. ھەمدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشلامچى ۋە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق تۈزەشنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش بىلەن تۇزۇم جەھەتتە پارتىيەنى تۈزەشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلىنى تۈزەشنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ھالىتىنى پاكلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە رايى، ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  ئومۇمي يىغىندا پارتىيەمىز قانات يايدۇرغان پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى تارىخى تەجرىبىلەر يەكۈنلەندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەشتە يولۇققان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىندى، ھەمدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى باشقۇرۇشدىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇشتا ئىشنى پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى باشقۇرۇشتىن باشلاش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىشتىن باشلاش كېرەك. كۆپلىگەن يېڭى تارىخى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلىپ بېرىش، پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۆت چوڭ سىناقتىن ئۆتۈش، تۆت خىل خەتەرنى يېڭىش ئۈچۈن يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر قىسىم مىزانلارنى تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئومۇمي يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە نىزامنامىسىغا ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى، ئىدىيەۋى لۇشيەنى، تەشكىلى لۇشيەنى، ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ سىياسىۋىلىكىنى، دەۋرلىكىنى، پىرىنسىپلىقىنى، جەڭگىۋارلىقىنى، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشىنى،مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى، يېڭىلاش، ئىقتىدارىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەمدە خېيىم خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى تىرىشىپ قوغداش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پۈتكۈل پارتىيەدە ھەم مەركەزلەشتۈرۈلگەن، ھەم دېموكراتىك بولغان، ھەم ئىنتىزامچان ھەم ئەركىنلىك بولغان، ھەم بىرلىككە كەلگەن، ھەم ئاڭ ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكى بولغان جانلىق جۇشقۇن سىياسىي ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتا مۇھىم نۇقتا ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلاردا، ئاچقۇچ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار بولۇپمۇ مەركىزى كومىتېت، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلى خادىملىرىدا. يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار بولۇپمۇ مەركەز رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ تەشكىلى خادىملىرى ئۆزلىرى باشلامچى بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە قائىدىسگە ئۈلگىلىك بىلەن ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، دەسلەپكى مەقسەتنى قەتئىي ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق باشلامچى بولۇپ ، پۈتكۈل پارتىيە ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  ئومۇمي يىغىندا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كوممۇنىزم ئۇلۇغ غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ روھى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي روھى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ سىياسىي ئاساسى. غايە ۋە ئېتىقاددا چىڭ تۇرۇشنى، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى تۈپ لۇشيەنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسى، خەلقنىڭ بەخت لىنىيەسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى نورمال قانات يايدۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ تۈپ لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىش بىلەن تۆت ئاساسى پىرىنسىپ، ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاساسى نۇقتىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ھەر قانداق ۋاقىتتا بۇنىڭدىن قىلچىمۇ چەتنەشكە ۋە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىنتىزامدا چىڭ بولۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسى، ھەرىكىتى، قەدىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە ئىنتىزامىنى جەزمەن چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پولاتتەك چىڭ ئىنتىزام بىلەن پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەمىز خەلقتىن كەلگەن، خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلسا پارتىيە يىلتىزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. جان دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ باش مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، خەلقنىڭ ياخشى چاكىرى بولۇشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دېموكراتىيەنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پارتىيەنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى نورمال قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى. كوللېكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، كوللېكتىپنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن شەخسكە خىزمەت تەقسىم قىلىپ مەسئۇل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش- دېموكراتىيەنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇنى جەزمەن باشتىن ئاخىرى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، ھەر قانداق بىر تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا ھەر قانداق باھانە بىلەن بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە-پارتىيەنىڭ ھاياتى، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ئاكتىپ ساغلام بولۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيە ئىچىدىكى تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە چوقۇم پارتىيە نىزامنامىسى پارتىيە قائىدىسىدە بېكىتىلگەن دېموكراتىك پىرىنسىپ ۋە تەرتىپلەرنى ئىجرا قىلىش كېرەك، ھەر قانداق پارتىيە تەشكىلاتى ۋە شەخسنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى چەكلىشىگە، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا بولمايدۇ. مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ۋە پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى چىقارغاندا چوقۇم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر تەكلىپىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: توغرا ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش- پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىشىنىڭ تەشكىلى كاپالىتى. كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشتە ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ھەر يەر ھەر جايدىن بولۇش، ئىلغارلىرىنى تاللاش، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشچان-ئەمەلىيەتچىل، دادىل بولۇش، پاك- دىيانەتلىك ياخشى كادىر بولۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ئاڭلىق ھالدا ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە ھەر خىل ئېغىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەنقىد ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىد قىلىش- پارتىيەمىزنىڭ كېسەلنى داۋالاپ بەدەننى كۈچەيتىش، ئورگانىزملارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتىكى ئۆتكۈر قورال، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، تەنقىد قىلىش ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قورالنى چوقۇم قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلىتىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نازارەت قىلىش- ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان نازارەتچىلىكنى چوقۇم كۈچەيتىش، پارتىيە ئىچىدە چەكلىمىسىز ھوقۇق بولۇشقا يول قويۇلماسلىق، نازارەتسىز ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغىمۇ يول قويماسلىق كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پاك سىياسىي بەرپا قىلىش، چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش- پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. چوقۇم ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىدىيەۋى مۇداپىئە لىنىيەسى ۋە تۈزۈم مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىكنى جەزمەن تازىلاشتا چىڭ تۇرۇش ، چەكلەنگەن رايون يوق بولۇش، ھەممە تەرەپنى قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيە ئىچىدە چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي بولۇشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»نى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە «تۆتتە ئومۇميۈزلۈك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماسلاشتۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا، پارتىيە نىزامنامىسىغا ئەمەل قىلىش، پارتىيەنى بەلگىلىمە بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ نازارەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك .

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە چەكلەنگەن رايون يوق، تاسادىپىيلىقمۇ يوق. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىشىنىش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن قاتتىق نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشى ، پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ھوقۇقى بولسا چوقۇم مەسئۇلىيىتى بولۇش، مەسئۇلىيىتى بولسا ئۈستىگە ئېلىش، ھوقۇقى بارلار نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىسا چوقۇم سۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىدە دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بەلگىلىمە ئىنتىزام بويىچە يولغا قويۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەشكىلى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، تەڭ دەرىجىلىكلەر ئۆز ئارا نازارەت قىلىشنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىنىڭ نۇقتىلىق ئوبيېكتى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، پارتكوم ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىش، پارتىيەنىڭ خىزمەت تارماقلىرى فونكىتسىيەسىنى نازارەت قىلىش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى دائىملىق نازارەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى دېموكراتىك نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت پارتىيە ئىچى نازارەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى قاتارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشىنى قوللىشى ۋە بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ خەلق سىياسىي كېڭىشى دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى نىزامنامە بويىچە يولغا قويۇشى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىشى لازىم. دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار نازارەت قىلىش فونكىتسىيەسىنى يولغا قويۇشىنى قوللاپ، دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر، تەنقىد، تەكلىپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. جەمئىيەت نازارەتچىلىكىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش لازىم. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى، پۈتۈن پارتىيە بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيى 2017-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى ئېچىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-،6- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى لازىم. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش بولۇپمۇ ئىدىيە نەزەرىيەۋى تەييارلىق خىزمىتى، تەشكىلىي تەييارلىق خىزمىتى، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى، ئاڭ فورماتسىيە خىزمىتىنى ھەققى ياخشى ئىشلەش لازىم. جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ياخشى ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  ئومۇمي يىغىندا پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى جاۋ شيەنگېڭ، شيەن خۈيلارنى مەركىزى كومىتېت ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاش قارار قىلىندى.

  ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋاڭ مىن، لۈ شىۋېننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ فەن چاڭمى، نيۇ جىجوڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چېقىلدى ۋە ماقۇللاندى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئىلگىرى چىقارغان ۋاڭ مىن، لۈ شىۋېن، فەن چاڭمى، نيۇ جىجوڭنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش چارىسى جەزملەشتۈرۈلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرولۇق ئاڭ، توغرىلىنىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ئېغىشماستىن قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، كەيپىياتنى توغرىلاشتىن ئىبارەت سىياسىي ئېكولوگىيەنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش چاقىرىلدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر