باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(2)

‐‐ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.06.19 15:30   مەنبە: خەلق تورى

  4. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ۋە ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولدۇق

  نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئاساس قىلىش، قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە بولۇش، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىملىق نازارەتچىلىكنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرگە، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش، ئەدلىيە، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، خامچوت ۋە دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكىنى ياخشى قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈردۇق. بىر يىلدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 24 خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ قاراپ چىقتۇق، 6 قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، 3 قېتىم مەخسۇس تېمىدا مەسلىھەت سوراش، 5 تۈر بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردۇق، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردۇق ھەم «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمەتلەرنى ياخشىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بەردۇق.

  دائىمىي كومىتېت پىلان، خامچوت، نەق چوت، تەپتىشلىك، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق خىزمەت دوكلاتلىرىنى، پەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى، جۇڭگولۇق چياۋمىنلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى قاتارلىقلارغا ئائىت مەخسۇس خىزمەت دوكلاتلىرىنى ئاڭلاپ قاراپ چىقتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسىتىگە كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىگە يېڭى مەسئۇلىيەت يۈكلىدى. دائىمىي كومىتېت ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تۇنجى قېتىم گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق ئۇنىۋېرسال دوكلاتى ۋە پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ، دۆلەت مۈلكىنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە ياخشى ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە بىر «بىخەتەرلىك ئۆتكىلى» بەرپا قىلدى. ھازىر مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ بولدى. كەسىپنى بىلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن 153نى خامچوت تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا بېكىتتۇق، خامچوتنى توردا نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ خامچوتنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خامچوتنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خام چوتى ۋە سىياسىتىگە كېڭىيىشكە تۈرتكە بولدۇق.

  دائىمىي كومىتېت ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى، دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى، ئىستاتىستىكا قانۇنى قاتارلىق 6 قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ھەم خىزمەتتىكى مەسىلىلەرنى، ھەم قانۇن، قائىدە-نىزاملارنىڭ ئۆزىدىكى نۇقسان ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاپ، قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت مەخسۇس بىر قېتىملىق يىغىننى ئارتۇق ئېچىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاڭلاپ قاراپ چىقىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا قانۇن ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان 22 كارخانىغا چېتىشلىق 38 مەسىلىنى ئىسىمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئاشكارىلاپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئائىت قائىدە-نىزاملارنى تۈزۈش ۋە ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تاماملىدى، جايلار ۋە تارماقلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش جەھەتتىكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەرتىپكە سالدى، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى 514 ھۆججەتكە تۈزىتىش كىرگۈزدى، 83 يەرلىك قائىدە-نىزامنى بىكار قىلدى. دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا، دېڭىز بويىغا جايلاشقان 11 ئۆلكىنىڭ دېڭىزغا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى، قۇرۇقلۇق مەنبەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق نازارەت قىلدۇق. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى قانۇن قورالى ئارقىلىق تۈزەش، كۆك ئاسمان، سۈزۈك دېڭىزنى قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق قوغداشتا جەمئىيەتنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتۇق.

  دائىمىي كومىتېت يەنە «7-بەش يىللىق» قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللىي مائارىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، يېزا-كەنتلەرنى گەللەندۈرۈش، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى قاتارلىقلاردا مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي، تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

  دائىمىي كومىتېت ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «ئىجرا قىيىن بولۇش» خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋالىرى ۋە ئىجرا پائالىيىتىگە بولغان قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مالىيەنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مەبلىغىنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلارنى قاراپ چىقىشقا بىرلەشتۈرۈپ، 3 قېتىم مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتەرمە قۇيۇشقا تەشكىللىدى. گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى خەلق ئاممىسى بىردەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئالىغا نەق مەيداندا جاۋاب بەردى. «ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرمە قويۇش بۇ خىزمەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  5. ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللىدۇق ۋە كاپالەتلەندۈردۇق

  دائىمىي كومىتېتنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئوي-پىكرى ۋە ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىلا، خەلق ئۈچۈن ھوقۇق يۈرگۈزۈش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

  ۋەكىللەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇردۇق، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنى تەشكىللەپ 440 ۋەكىل بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، خەلقنىڭ رايىنى ئىگىلەيدىغان، پىكىرلىرىنى ئاڭلايدىغان «بىۋاسىتە يول»نى شەكىلەندۈردى. دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە، تۆت قېتىم سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، 186 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈردى. ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت ۋە مەخسۇس كومىتېت خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، ۋەكىللەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قانىتىشىشقا، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق. كومىتېت باشلىقلىرى كېڭىشى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە، پىرىنسىپ جەھەتتىن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇردۇق. 1850 ۋەكىلنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ۋە مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋەكىللىرىنى گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، جېجياڭ، شەنشى، خەينەن، چىڭخەينى كۆزدىن كەچۈرۈش-تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈشى، ئەمەلىيەتنى تېخىمۇ چۈشىنىشى، ئامما بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئالاقە باغلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. پائالىيەتنى تەشكىللەش ۋە قانات يايدۇرۇشقا قولايلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى 272 كىچىك گۇرۇپپىغا ئايرىپ، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش بويىچە مول پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردۇق.

  ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ تەۋسىيەلىرىنى قانۇن چىقىرىپ نازارەت قىلىش تۈرلىرىنى بېكىتىش، قانۇن لايىھەسى تەييارلاش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرغان 325 ۋەكىللەر تەكلىپنى تولۇق قاراپ چىقتۇق. بۇلاردىن، 19 تەكلىپكە چېتىشلىق 9 قانۇن چىقىرىش تۈرى دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىدىن ئۆتتى، 22 تەكلىپكە چېتىشلىق 4 قانۇن چىقىرىش تۈرى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلدى، 143 تەكلىپكە چېتىشلىق 60 قانۇن چىقىرىش تۈرى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى ياكى يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 7139 تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ بولدۇق، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن ھەل قىلىنغان ياكى ھەل قىلىنىۋاتقانلىرى %76نى ئىگىلەيدۇ. بېكىتىلگەن 20 نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك ئىشلىرىغا چېتىشلىق 192 كونكرېت تەۋسىيە 36 بېجىرگۈچى ئورۇننىڭ نۇقتىلىق بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلدى، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەركىبىدىكى خادىملار بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلدى. دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىغا ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەسلىدە سايلىغان ئورۇننىڭ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشىنى قوللاپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئارخىپى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

  6. دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق

  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسى − دۆلەت ئومۇمىي دىپلوماتىيەسىنىڭ تەشكىلىي قىسمى. بىر يىلدىن بۇيان، جەمئىي 71 ئۆمەك–گۇرۇپپا تەشكىللەپ، 46 دۆلەتكە 660 ئادەم قېتىم زىيارەتكە ئەۋەتتۇق؛ 34 دۆلەت ۋە 2 كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتىدىن كەلگەن 58 ئۆمەك-گۇرۇپپىدىن 730 ئادەم قېتىم كۈتۈۋالدۇق. قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە-ھەمكارلىق ئارقىلىق، دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىگە ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلدۇق ۋە دۆلەتنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدۇق.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دېپلوماتىيە فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسلىق دۆلەتلەر پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالاقىنى مۇستەسكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رۇسىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلىدۇق، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن رۇسىيە پارلامېنتى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، ئافرىقا دۆلەتلىرى پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن پارلامېنت ئەزالىرى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردۇق. كۆپ تەرەپ پارلامېنتلىرى تەشكىلاتى يىغىنىغا پائال قاتنىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مۇنبىرى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كۆپ تەرەپ مېخانىزمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئىجابىي رول ئويناپ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەشەببۇسلاردا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئايرىم دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ بىزگە چېتىلىدىغان پاسسىپ تەكلىپ، خاتا سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قارىتا پىرىنسىپال مەيدانىمىزنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ساداسىنى ياڭراتتۇق.

  تاشقى ئالاقە جەريانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق-ئالاقىنى قانۇن مەدىتىگە ئىگە قىلدۇق. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىگە بولغان چۈشەنچى ۋە تونۇشىنى ئاشۇردۇق.

  7. دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق

  دائىمىي كومىتېت سىياسىي قۇرۇلۇشنى ۋە ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، مۇھىمى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىگە بولغان تونۇشى ۋە ئىشەنچىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېڭى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى.

  مۇھاكىمە قائىدىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىرىشنىڭ قانۇنىي تەرتىپىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، يىغىن ئېھتىياجىغا ئاساسەن سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنى تەكلىپ قىلىپ، گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىش بىلەن گۇرۇپپىلار بىرلىشىپ قاراپ چىقىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا بېكىتىلگەن قارالمىلارنى تولۇق تاماملىدۇق. تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقىشقا دائىر خىزمەت تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ قاراپ چىقىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈردۇق. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە تېما تاللاش، تەشكىللەش، دوكلات قىلىش، قاراپ چىقىش، تۈزىتىش، ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت «پۈتۈن زەنجىرلىك» خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرمە قويۇش سۇبيېكتى، شەكلى، مەزمۇنى، تەرتىپى ۋە جاۋاب بېرىشنىڭ قېلىپلىشىشىنى، تۈزۈملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېيىنكى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇردۇق.

  ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى سەۋىيەسى بىلەن ئەمەلىيەت بىلىم سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردۇق. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەم دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەم كۆپچىلىكنى دېموكراتىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشكە يېتەكلەپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى، كەلگۈسى مەنپەئىتىنى ۋە ئومۇمىي مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىدۇق.

  ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى ئاساسىي ماھارەتكە ئايلاندۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېت 260 قېتىمدىن كۆپرەك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي تەرەققىياتىنى ۋە خەلقنىڭ تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. خەلقتىن كەلگەن ئەرزىيەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. يىغىن ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، رۇخسەت سوراش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %98تىن ئاشۇردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات-ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىزچىللىشىشى، يولغا قويۇلۇشى ۋە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى گەۋدىلىك تەشۋىق قىلدۇق.

  مەخسۇس كومېتىتلارنىڭ خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كومېتىتلار مەسئۇللىرى يىغىنى چاقىردۇق. مەخسۇس كومېتىتلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەتچىلىك قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى، تاشقى ئالاقە قاتارلىقلاردا نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ مۇلازىمەت قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇردۇق.

  يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى يېقىندىن ماسلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى بىرلىكتە ئۆستۈردۇق.

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۆزبېكىستاندا بىر توننىدىن ئارتۇق ھەر خىل زەھەر مەركەزلىك كۆيدۈرۈلدى
    ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ھەققىدىكى يەتتە چوڭ ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش …
    ·«خەنزۇچە ئۆگىنىش مەن ئۈچۈن ئويلاپ باقمىغان تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى»-- 90- يىللاردا تۇغۇلغان …
    ·تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسا، تولۇق سوممىلىق ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ
    ·پۇل خەجلەپ «بالا چولپان» يېتىشتۈرىمەن دەپ ھەممىدىن قۇرۇق قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى: تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى
    ·تاجىكىستاننىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپلەرنى يېزاـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى …
    ·بالىلارغا خەتەردىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى ئۆگىتىش لازىم