باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(3)

‐‐ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.06.19 15:30   مەنبە: خەلق تورى

  ۋەكىللەر!

  ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر بىزگە شۇنى چوڭقۇر تونۇتتىكى، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئەڭ مۇھىمى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى يادرولۇق ئورنى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  − پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرۇش شەرت. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش − خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە قانچە چىڭ تۇرغانسېرى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى شۇنچە تولۇق ئىشقا ئاشۇرغىلى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى شۇنچە ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدۇرغىلى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى شۇنچە گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيە رەھبەرلىكىدە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا ئورتاق بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇشى لازىم.

  − خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرت. خەلقنىڭ سۇبيېكىتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنى خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قۇيۇق ئالاقىنى ساقلاشتىكى ۋەكىللىك ئورگانغان ئايلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا كونكرېت ۋە ئەمەلىي ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  − ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش شەرت. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى − پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭىچە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇش ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

  − قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، قەتئىي قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش شەرت. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا ئېغىشماي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇن يادرولۇقىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىتېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان قانۇن ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، مۇستەھكەم بولغان قانۇنچىللىقنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، كۈچلۈك بولغان قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتمەي، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئەمەل قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى ھەقىقەتەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  − دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ تەشكىلىي پىرىنسىپى ۋە پائالىيەت مىزانىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش شەرت. خەلق دېموكراتىيەسى − سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، سوتسىيالىزم دېموكراتىيەگە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ. دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلق قۇرۇلتىيى خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مۇھىم سەھنە. قانۇن ۋە تەرتىپ بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق قارار قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا توغرا مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى نامايان قىلىشقا، ئاساسىي قانۇن روھىغا ئۇيغۇنلىشىشقا، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  ۋەكىللەر!

  ئۆتكەن بىر يىلدىكى نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىشى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، دائىمىي كومىتېت ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ شۇنداقلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق ئىشلىشى نەتىجىسىدە، گوۋۇيۈەن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ زىچ ماسلىشىشى نەتىجىسىدە، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشى ۋە تولۇق ئىشىنىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن. بۇ يەردە مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

  ئۆتكەن بىر يىلدا، خىزمىتىمىزدە پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلاندى، بۇلار ئاساسلىقى: قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە، نازارەتچىلىك خىزمىتى مېخانىزمى ۋە ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ساغلاملاشتۇرۇشقا ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىدىغان تۈزۈم مېخانىزمىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، خەلق قۇرۇلتىيى نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىشقا، ئاخبارات، ئامما پىكرى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، خىزمەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز ۋە ياخشىلىشىمىز كېرەك.

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۆزبېكىستاندا بىر توننىدىن ئارتۇق ھەر خىل زەھەر مەركەزلىك كۆيدۈرۈلدى
    ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ھەققىدىكى يەتتە چوڭ ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش …
    ·«خەنزۇچە ئۆگىنىش مەن ئۈچۈن ئويلاپ باقمىغان تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى»-- 90- يىللاردا تۇغۇلغان …
    ·تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسا، تولۇق سوممىلىق ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ
    ·پۇل خەجلەپ «بالا چولپان» يېتىشتۈرىمەن دەپ ھەممىدىن قۇرۇق قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى: تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى
    ·تاجىكىستاننىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپلەرنى يېزاـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى …
    ·بالىلارغا خەتەردىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى ئۆگىتىش لازىم