باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(4)

‐‐ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.06.19 15:30   مەنبە: خەلق تورى

  كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر

  2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل. دائىمىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئورۇنداپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش»تەك ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشنى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى، تاشقى ئالاقە ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  بىرىنچى، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش. ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ئۇنىڭ جېنى، نوپۇزىمۇ ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن نامايان بولىدۇ. قانۇن-تۈزۈمنى ۋە قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، «7-بەش يىللىق» قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قارارىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەنگە ئېلىنغانلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇپ چىقىپ، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئۇچۇر سۇپىسىنى رايون بار شەھەرلەرگە، ئاپتونوم ئوبلاستلارغا ۋە ئاپتونوم ناھىيەلەرگىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك ئاساستا قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دائىمي كومىتېتنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلەپ، سانىغىلا ئەمەس تېخىمۇ مۇھىمى ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىر چىقىرىلغان قانۇنلاردا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، چىقىرىلغان ھەربىر قانۇنلارنىڭ ھەممىسىدە تىرىشىپ ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ۋە ئاممىنىڭ ھىمايسىگە ئېرىشىپ، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن تۈزۈمنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  بۇ يىل بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئىچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، جىددىي ئېھتىياجلىق قانۇنلارنى تۈزۈش ۋە ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، باجنى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن مۇھىم قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۈملىدىن ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى (11)، ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، ئۆي-زېمىن بېجى قانۇنى، ئېكسپورتنى باشقۇرۇش قانۇنى، مەھەللىدە تۈزەش قانۇنى، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات قانۇنى، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى ۋە مەمۇرىي جازا قانۇنىنى تۈزۈش، ئاكسىيە قانۇنى، رەسمىي ئوفېتسىرلار قانۇنى، ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنى، خەلق قوراللىق ساقچىلىرى قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنى قاتارلىق قانۇن چىقىرىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە لايىھە تەييارلاش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاش كېرەك.

  ئۈچىنچى، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش. ئومۇمىيلىقنى چۆرىدەش، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىش ۋە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، «قانۇنغا ئاساسلىنىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە ۋە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ يىل سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى، بېلىقچىلىق قانۇنى، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، ئالىي مائارىپ قانۇنى قاتارلىق 6 قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرىمىز. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بوشاشماي تىرىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، قانۇنغا تايىنىپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئەڭ مەنپەئەت يارىتىدىغان ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كېرەك. قاراپ چىقىشقا دائىر خىزمەت دوكلاتلىرىنى، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى ۋە جىنايى ئىشلار سوت خىزمىتى، ئاممىۋى دەۋانى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى تۈگىتىش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە رېۋىزىيە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئاممىۋى دەۋانى تەپتىش قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى قاراپ چىقىشقا بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس سۈرۈشتۈرمىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بۇ يىل 29 تۈرلۈك نازارەتچىلىك خىزمىتىى ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن 7 تۈر، ئۈچ چوڭ جەڭگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن 8 تۈر، خەلق تۈرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 5 تۈر، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ۋە دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ئۈچۈن 5 تۈر، قانۇن ئىجراسى ۋە ئەدلىيە نازارىتى ئۈچۈن 4 تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  تۆتىنچى، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش. ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى كۈچەيتىش، ۋەكىللەرنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇش، خامچوت تەكشۈرۈشتە، ۋەكىللەر بىلەن ئالاقە قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئەستايىدىل بېجىرىش كېرەك. ۋەكىللەرنى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە ياخشى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

  بەشىنچى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش. دۆلەت ئومۇمىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ ئالاقە خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مېخانىزملار ئارا ئالاقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ قاتلام بويىچە نىشانلىق ئالاقە قىلىشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىدىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيە تەتقىقاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىل تەپەككۇر ۋە قانۇنچىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل تۈزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى يېڭىش كېرەك. كۈرەش روھىنى ساقلاپ، جەڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپ ۋە دۆلەتنىڭ يادرو بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بايراق روشەن، مەيدان مۇستەھكەم بولۇش كېرەك. كادىرلارنى ئىشلەشكە، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ئوبدان تۇتۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ۋەكىللەر!

  بۇ يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

  

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۆزبېكىستاندا بىر توننىدىن ئارتۇق ھەر خىل زەھەر مەركەزلىك كۆيدۈرۈلدى
    ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ھەققىدىكى يەتتە چوڭ ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش …
    ·«خەنزۇچە ئۆگىنىش مەن ئۈچۈن ئويلاپ باقمىغان تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى»-- 90- يىللاردا تۇغۇلغان …
    ·تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسا، تولۇق سوممىلىق ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ
    ·پۇل خەجلەپ «بالا چولپان» يېتىشتۈرىمەن دەپ ھەممىدىن قۇرۇق قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى: تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى
    ·تاجىكىستاننىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپلەرنى يېزاـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى …
    ·بالىلارغا خەتەردىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى ئۆگىتىش لازىم