خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-فېۋرالدىن 28-فېۋرالغىچە، مۇخبىر فوتوگرافلار بىلەن بىللە تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي ئېتەكلىرىنى ئايلىنىپ، ئۆلكە يولى 101-لىنيە تاشيولىنىڭ شىمالىدىكى قىزىلتاغ گەۋدىسىدىكى «يارداڭلىق يەر شەكلى»، ئالتۇن تۆگە تاغ چوققىسى، شىمىنزى سۇ ئامبىرى يەر شەكلى، ھەسەن-ھۈسەن تاغ تىزمىسى، قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسى قاتارلىق جايلاردا گۈزەل تەبىئەتتىن خاتىرە قالدۇرۇشتى. بۇ خىلۋەت جايلار باش باھاردا ئۇيقۇدىن ئويغانغان مەزمۇت گەۋدىدەك قەد كۆتۈرپ، باھارغا قۇچاق ئېچىپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى